خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسى يەنىلا ئېغىر

0:00 / 0:00
eqli-muluk-amerika-xitay-20.jpg
2006 – يىلى 14 – نويابىر كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرى Carlos Gutierrez خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن بېيجىڭدا. Carlos Gutierrez "خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاشنىڭ يامراپ كېتىشى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكا – خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا بولغان قوللىشىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا" دەيدۇ. AFP

خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىگە 11 - دېكابىر كۈنى 5 يىل تولىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى تەييارلىغان بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئالدىدا بەرگەن بەزى مۇھىم ۋەدىلىرىنى ھازىرغا قەدەر ئورۇندىمىغان. بولۇپمۇ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ئېغىر ئەھۋالدا كېتىۋاتىدۇ.

گەرچە،خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا سودا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى مېي شىنيۈي، يېقىندا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى ئىپادىسى "ناھايىتى سەمىمىي ۋە مۆتىدىل" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى، دەپ قارىماقتا.

خىتاي ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى ۋەدىلىرىنى ئادا قىلمىدى

ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كارولىن بارتولوميۇۋ، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا مىراس فوندى جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي ئىقتىسادى ئاخىرقى 30 يىلدا زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن مۇھىم "خەلقئارا مەجبۇرىيەتلىرىنى" ئادا قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بارتولوميۇۋ، "ئىقتىسادى ئىسلاھات خىتاي پۇقرالىرىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ماددىي مەنپەئەتكە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئىچىدە كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ ئىقتىسادى پەرقى جىددىي كېڭەيمەكتە. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى، ئىشچىلار ھوقۇقى، ئاساسىي سىياسىي ئەركىنلىك، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولۇش يولى يارىتىپ بېرىلمىدى " دەيدۇ.

بارتولوميۇۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي 5 يىلنىڭ ئالدىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ئۆتەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەجبۇرىيەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى ۋەدىلىرىنى ئادا قىلمىغان. بارتولوميۇۋ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش بۇنىڭ بىر مىسالى. ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى خىتايدا يەنىلا مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. بەزى جايلاردا ھەتتا پۈتۈن يېزا - بازار بويىچە توۋار تەقلىد قىلىپ ياساش ۋە سېتىش بىلەن جان بېقىۋاتىدۇ. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى كۆرمەسكە سالماقتا " دېدى.

بارتولوميۇۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى توۋارلارنى تەقلىد قىلىپ ياساش ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىمىز ئاجىز، دەپ تەكىتلىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى - بىخەتەرلىك كۈزىتىش كومىتېتى بۇ يىل 6 - ئايدا خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008 - يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقە ماركىسى چاپلانغان مەھسۇلاتلارنى تەقلىد قىلىپ ياساشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا توسىغانلىقىنى بايقىغان. بارتولوميۇۋ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇ يىلقى دوكلاتتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىدۇ

ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى پاترىك مۇللوي مىراس فوندى جەمئىيىتىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىدىن 42 % تاموجنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن بولسا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.2 % باج ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، بۇنى "ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور سوۋغىسى " دەيدۇ. مۇللوي، "ئەمدى بىز ئېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئېلىشىمىز كېرەك. بىز ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىمىزنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. لېكىن بۇ تەلىپىمىز ھازىرغا قەدەر قاندۇرۇلمىدى. بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ " دېدى.

مۇللوينىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېقىندا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خىتاي سودا ئەمەلدارى "ئەگەر ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلسا، 'بۇ دۈشمەنلىك ھەرىكەت ' دەپ قارىلىدۇ"، دېگەن. لېكىن مۇللوي، ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "بىزنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى قۇرۇشىمىز ئىختىلاپلارنى قانۇن رامكىسى ئىچدە ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. مەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا بىر تەرەپ قىلماقچى بولسا، بۇنى 'دۈشمەنلىك قىلىش' دەپ قارىمايمەن. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا مەسىلىسىدە بىر - بىرىگە قارشى نۇرغۇن تالاش تارتىشلىرى بار" دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇللوي خىتاينىڭ خەلق پۇلى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلىشنى بىكار قىلىش لازىم، دەيدۇ. خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى چوڭ ئىختىلاپلارنىڭ بىرى. بۇ مەسىلە ھەر قېتىم خىتاي - ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچراشقاندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز شۇمىر ۋە لىندسەي گراھاملار بۇ يىل 10 - ئايدا خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆستۈرمىسە، خىتاي ئېكسپورت توۋارلىرىغا 27 % باج قويۇش توغرىسىدا قانۇن تەكلىپى سۇنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن كېيىنچە ئۇلار قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇشنى كېلەر يىلغا كېچىكتۈرگەن ئىدى. بۇش ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جىددىي بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.(ئەركىن)