ئەردۇغان: ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكنى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلتۈردۇق

5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلسىى تۈركىيىنىڭ مۇھىم مەسىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ ھەقتە ھۆكۈمەت بىلەن سولچى پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدا تالاش ‏- تارتىش، بەس مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.07.20
Erdogan-turkiye-urumqi-weqesi-305 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺭﻩﺟﻪﭖ ﺗﺎﻳﻴﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ "ﺑﯘ ﯞﻩﻫﺸﯩﻠﯩﻚ" ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﯩﺒﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﯩﺪﺍ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﯨﺰﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://yenisafak.com.tr ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

2009 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى بىر تۈركۇم پائالىيەتلەر ئۈچۈن كونىيا شەھىرىگە كەلگەن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان پارتىيسىنىڭ كونىيا 3 ‏- نۆۋەتلىك ئومۇمى قۇرۇلتاي يىغىنىغا قاتناشتى.

باش مىنىستىر ئەردۇغان، كونىيانىڭ سالجۇقلۇ شەھەرلىك خەلقئارالىق تەنتەربىيە يىغىن زالىدا ئېچىلغان بۇ يىغىندا سۆز قىلىپ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى يەنە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:"ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكنى دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلتۈردۇق. بۇ ھەقتىكى زۆرۈر تېپىلغان ئىپادىنى ئوچۇق بىر شەكىلدە سۆزلىدىم. ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ توغقانلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىزدۇر. ئۇيغۇر تۈركلىرى خۇشال بولسا بىز پۈتكۈل مىللەت خۇشال بولىمىز. ئەمما مەن خىتاي دائىرلىرىگە شۇنى خىتاپ قىلىمەن. نوپۇسىڭىلار تەخمىنەن 1 مىلىيارد 300 ياكى 1 مىلىيارد 400 مىليون ئەتراپىدا، بۇنىڭغا قارىغاندا، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ سانى يوق دىيەرلىك يەنى 30 ‏- 40 مىليون. ئۇلارغا قارشى ئاسىملىياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈشنىڭ نېمە مەناسى بار؟ چوڭ بىر دۆلەتكە نىسبەتەن 30 ‏- 40 مىليون نوپۇس بىر ناھىيىنىڭ نوپۇسىغىمۇ تەڭ ئەمەس. يەنى بۇلار يوق دىيەرلىك. ئۇلار بۆلگۈنچىمىش. ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ قويۇپ بېرىڭلار ئۇلارمۇ ئىنساندەك ياشىسۇن!"

باش مىنىستىر ئەردۇغان يەنە مۇنداق دېدى: "مۇشۇنداق سەزگۈر مەسىلە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تەرىپىدىن سۈيئىستىمال قىلىندى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى ھۆرمەتلىك باغچەلى مەيدانغا چىقتى ۋە بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار بىزنى تەنقىد قىلىشقا باشلىدى. بىز دېدۇق، ھۆرمەتلىك باغچەلى سىز 2002 ‏- يىلى مۇئاۋىن باش مىنىستىر بولغاندا، خىتايغا زىيارەتكە باردىڭىز. ئۇ يەردە ئۇيغۇر دىيارىنىمۇ زىيارەت قىلدىڭىز، سىز ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىۋېرىستېتلاردا ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. سىز نېمە ئىش قىلدىڭىز؟ سىز ھۆكۈمەت بېشىدىكى ۋاقتىڭىزدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدىڭىز؟ قايسى مەسىلىنى ھەل قىلدىڭىز؟! قايسى دەرتكە داۋا بولدىڭىز؟! باغچەلى بىر بايانات ئېلان قىلىپ ئۇنىۋېرىستېتتا ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئۇنىڭ دەۋرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى."

باش مىنىستىر ئەردۇغان تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىسىتىر ۋە مۇئاۋىن باش مىنىسىتىرلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسىگە لاياقەتلىك ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: " 1999 ‏- يىلى خىتاي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاقىدار خەلقئارا كەچۈرۈم تەشىكىلاتى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ئەڭ چېكىگە يەتكەن بىر دەۋىردە تۈركىيىدە نېمە ئىش بولدى بىلەمسىلەر؟ خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن تۈركىيىگە زىيارەتكە كەلدى ۋە ئۇنىڭغا ئۇ دەۋرىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى سولايمان دېمىرال تەرىپىدىن مىنسىتىرلار ھەيئىتىنىڭ ئىمزاسى ئاستىدا دۆلەت لاياقەتلىك ئالتۇن مېدالى تەقدىم قىلىندى. بۇ مېدالنى بېرىشكە ئىمزا قىلغان باش مىنىستىر ئەجەۋىت، مۇئاۋىن باش مىنىستىر باغچەلى قاتارلىق مىنىستىرلار. ئەينى دەۋىردە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مېدالنى بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ پەرۋە قىلمىدى. بۇ ھەقتە مەرھۇم يازىجى ئوغلۇ شۇنداق دېگەن ئىدى، بۇ لاياقەت دۆلەت مېدالى نېمە ئۈچۈن بېرىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپ زۇلۇم قىلسۇن دەپ بېرىلدىمۇ؟! ئۇلارنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى تامامەن يوق قىلىڭ دەپ بېرىلدىمۇ؟!"

"ھۆكۈمەت مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھۆرمەتلىك باغچەلى ئۇ دەۋىردىكى خەلقنىڭ نارازىلىقىغا قولاق سالمىدى، پارلامېنىت ئەزالىرىنىڭ، مىنىستىرلارنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلمىدى. ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ، سىياسى پارتىيىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قۇلاق سالمىدى. ئۇ مېدالنى بېرىش ئۈچۈن ئىمزانى قىلدى ۋە باشقا مىنىستىرلارنى ئىمزا قىلدۇردى."

باش مىنىستىر ئەردۇغان، تۈركىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى باغچەلىگە خىتاپ قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: "ھۆرمەتلىك باغچەلى، ئۇيغۇر تۈركلىرى ئېغىر باستۇرۇش ئاستىدا قالسا، ھوقۇقلىرى دەپسەندە بولۇۋاتسا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۈتۈۋاتىسا، سىز خىتاي دۆلەت رەئىسىگە دۆلەت دەرىجىلىك لاياقەتلىك ئالتۇن مېدالنى تەقدىم قىلدىڭىز. ئۇ زامان سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز قاينىمىدىمۇ؟ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقى ھېچ ئەقلىڭىزگە كەلمىدىمۇ؟ ئەمدى يەنە بىر قېتىم سورايمەن، مىللى مەسىلىلەرنى سۈيئىستىمال قىلىپ سىياسەت قىلىشتىن ۋاز كېچىڭ، مەيدانىڭىز ئېنىق بولسۇن! تۇتامغا چىققىدەك سۆز قىلىڭ، تۇتامغا چىققىدەك ئىش قىلىڭ. تۇتامغا چىققىدەك بايانات ئېلان قىلىڭ."

ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىيە پالامېنىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى زافەر ئۈسلۈ ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا پارلامېنىت ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان 5 كىشىلىك بىر ھەيئەتنىڭ خىتايدىن 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنى قوبۇل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ ھەيئەت ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشكە بېرىش ئۈچۈن مۇئەييەن بىر ۋاقىت بەلگىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە پارلامېنىت مەجلىسى باشلىقى كۆكسال توپتان، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالاھىدە ۋەكىلى سۇڭ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئالاقىدار ئىككى دۆلەت پارلامېنتى ئوتتورىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.