ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى


2007.10.10

يېقىندىن بېرى ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ غايىسى نېمە؟ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش ھەربىي بىرلىككە ئايلىنالامدۇ؟ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان تەسىرى نېمە ؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلانغان.

"ئەلمۇجتەما " ژۇرنىلىنىڭ 9‏- ئايدىكى سانى بىلەن" ئەلجەزىرە " تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان روسىيە- خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ماقالىلاردا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر ئىقتىسادى بىرلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش بىر ھەربىي بىرلىككە ئايلىنالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ماقالىلاردا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

ئەنقەرەدىكى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇ ماقالىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئەرەپ مەتبۇئاتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ژورنالىست ۋارىسجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ سۆھبەت زىيارىتىگە قۇلاق سالغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.