خىتاي دائىرىلىرى ئەرزدارلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرىز يەتكۈزمەكتە


2007.05.16

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى جاكالاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئەرزدارلار تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچار بولماقتا. بىراق خىتايدىكى ئەرزدارلار ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىغا قارىماي، ئۆز ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن بارلىق تىرشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئەرىزدارلارچۇ؟ ئۇلار ھۆكۈمەتكە ئۆزلىرى يولۇقىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدىكى شىكايەتلىرىنى ئوچۇق بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالامدۇ؟

خىتاي، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان ئەڭ ناچار دۆلەت

ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەممىدىن ئەلا ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەزكۈر دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، يالغۇز ئۆز دۆلەت تەۋەسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپلا قالماستىن، بەلكى باشقا ئەللەردىكى ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش، ئۇلارغا ھەق ‏ۋە ئادالەت ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاسىتىلارنى ئىشقا سېلىپ كەلمەكتە.

دەل بۇنىڭ ئەكسىچە يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئېغىر دەرىجىدە سادىر بولماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەر، ھەر يىلى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى، ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قىلچىمۇ ئۆزگۈرۈش ياسىمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن.

11 ياشلىق ۋە 13 ياشلىق ئىككى بالىنىڭ تۈرمىدىكى ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى

يېقىندا ئىستانسىمىز 11 ياشلىق ھەمدە 13 ياشلىق ئىككى بالىنىڭ تۈرمىدىكى ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرى بىلەن قاتتىق تىركىشكەنلىكى ھەققىدىكى بىر ۋەقەنى ئېنىقلاپ چىقتى.

ۋەقەلىك مۇنداق يۈز بەرگەن: خېنەندە شىڭ جەن ئىسىملىك بىر بالا بىرقانچە يىل ئىلگىرى ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ، ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان. بالىنىڭ ئانىسى، شوپۇردىن 40 مىڭ يۈەن داۋالاش ھەققى تەلەپ قىلغان، ئەمما قاتناش ساقچىسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

بۇنىڭغا نارازلىق بىلدۈرگەن ئانا، تىيئەنمىن مەيدانىدا ئۆزىگە ئوت قويغان. ھۆكۈمەت ئەرزىدار ئانىنىڭ تۆلەم تۆلەپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىۋىنى ئورۇنداش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى ئۇنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان.

شىڭ جەن، ئانىسىنىڭ ھەقسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا ئانىسىز قېلىپ، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك ئانىسىنىڭ ئېغىر كېسەل تۇرۇقلۇق تۈرمىدە قاتتىق ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋغا مەكتۈپ سۇنغان ۋە مۇشۇ ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى تىيئەنمىن مەيدانىغا ئاچىسى بىلەن بىرلىكتە بېرىپ": ئانامغا ئۇۋال بولدى " دەپ قاتتىق توۋلىغان.

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ساقچى دائىرىلىرى، شىڭ جەن بىلەن شى مېينى سوراققا تارتىپ، سوراق خاتىرىسى تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ دادىسى ۋە تاغىسىنى تەكشۈرگەن، ۋە ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاغداشلىرىدىن ئۇلار ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ روھىي بېسىمى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

ساقچىلار ئۇلارنى سوراق خاتىرىسىگە قول قويۇشقا قىستىغاندا، 11 ياشلىق كىچىك ئەرزدار شىڭ جەن سوراق خاتىرىسىگە قول قويۇشنى رەت قىلغان. ساقچىلار ئۇنىڭغا قول قويغۇزۇشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاخىرى كېتىپ قالغان.

"ساقچى بىزنى، راست گەپ قىلىشىمىزنى ئېيتتى ۋە ئېيتقانلىرىمىزنى خاتىرىلىۋالدى. بىزدىن تىيئەنمىنغا نىمە ئۈچۈن بارغانلىغىمىزنى، ئارقىمىزدا مۇخبىر بار - يوقلىقىنى ۋە تۈرمىگە ئاپامنى كۆرۈشكە بارغان - بارمىغانلىقىمنى سورىدى. ساقچىلار يەنە ئېنتېرنېتتىكى رەسىم ۋە ماتېرىياللارنى ئېلىپ، بىزنى قول قويۇشقا ۋە بارماق ئىزى بېرىشكە قىستىدى. ئەمما مەن ئۇلارغا قول قويمۇدۇم."

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇنىڭدىن ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى، 11 ياشلىق بالا ئەمەس، قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەقسىزلىق ئالدىدا ئۆز تەلەپلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالمايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ساقچىلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى بەختىيار شەمسىدىن ئەپەندى قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ.

بەختىيار ئەپەندى، كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۆز نارازىلىقلىرىنى ھۆكۈمەتكە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماسلىق سەۋەبلىرىنىڭ ئامىللىرى توغرىسىدا توختىلىدۇ.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.