بېيجىڭ ساقچىلىرى قانلىق توقۇنۇشتا قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرنى ئىزدىمەكتە


2007.06.01

بېيجىڭغا ئەرز قىلىشقا كەلگەن ئۇيغۇر ئەرزىيەتچىلەر ماجالۇغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كىيىن 31- ماي ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى.

تۈنۈگۈن، 31- ماي ماجالۇدا ساقلاپ ياتقان بىر ئەرزدار، ۋەقەدىن خەۋەردار بىر ئىچكى موڭغۇللۇق ئەرزدارنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى، توقۇنۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە باش- كۆزى پۈتۈن قان بولۇپ كەتكەن بىر ئۇيغۇرنىڭ تامدىن ئارتىلىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: " چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچلەر ئەتراپلىرىدا ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئورنىدىن قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، ساقچىلار مىلتىق ۋە خەنجەرلەرنى ئىشلىتىلىپ خۇددى 4- ئىيۇن ۋەقەسىنى باستۇرغاندەك چېپىپ ئۆلتۈردى. شىنجاڭلىقلارمۇ قول ياندۇردى" دېگەن.

"ئۇ ئادەم ئەزەلدىن يالغان ئېيتمايدۇ"

ئۇ يەنە ھېلىقى ئىچكى موڭغۇلدىن كەلگەن ئەرزدارنىڭ قورقۇپ كېتىپ ئاللىقاچان بىلەت ئېلىپ يۇرتىغا كېتىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ موڭغۇل ئەرزدارنىڭ ئەزەلدىن يالغان ئېيتمايدىغانلىقىنى بۇ ۋەقەنىڭ پۈتۈنلەي راست ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان ئىدى.

ئەمما، ئالىي سوت مەھكىمىسى جايلاشقان بېيجىڭ شەھەرلىك شەرقىي شەھەر رايونى ساقچىخانىسىدىكى خادىملار بۇنداق ۋەقە يۇز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئىككىلىنىپ تۇرۇپ " بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش بىئەپ" دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتكەن ئىدى.

بۈگۈن ھېلىقى ئىچكى موڭغۇللۇق ئەرزدارنىڭ راستىنلا يارىلانغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاممىۋى تېلېفوندا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى دەلىللىگەن لياۋ نىڭلىق بىر ئەرزدار مۇنداق دېدى: "ئۇمۇ شىنجاڭلىق ئىكەن. ئۇ سىڭلىسىغا تېلېفۇن قىلىپ ۋەقە چىققانلىقىنى ئۆزىنىڭ قېچىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان."

ئۇ يەنە "شىنجاڭلىقلار بىز خەنزۇلارغا ئوخشىمايدۇ. بەك جېدەل خور. شۇڭا ئۇلار قول ياندۇردى. ئىككى تەرەپ سوقۇشۇپ كەتكەندىن كېيىن ساقچىلار ئوق چىقاردى"‏- دېدى.

ئۇيغۇرلار "ساقچىلارنىڭ مىلتىقىدىن قورقۇپ قالمىدى، كېيىن ئىككى تەرەپ تۇتۇشۇپ كەتتى"

ۋەقە جەريانىنى ئىچكى موڭغۇللۇق ئەرزدارنىڭ ئاغزىدىن بىۋاستە ئاڭلىغان گاۋ فامىلىلىك بىر ئەرزدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈتىۋېلىش زالىدا ئىشىك ‏- دېرىزىلەرنى چاققانلىقى ئۈچۈن، ساقچىلار ئۇلارنى جازالاش مەقسىدىدە ماجالۇغا ئېلىپ كەلگەنىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ "ئۇلارنى ماجالۇغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇلارنى ئۇردى ۋە مىلتىق تەڭلەپ قورقۇتتى. ئەمما شىنجاڭلىقلاردا پىچاق بولغاچقا، ساقچىلارنىڭ مىلتىقىدىن قورقۇپ قالمىدى. كېيىن ئىككى تەرەپ تۇتۇشۇپ كەتتى."

بۈگۈن بىز ئىچكىرىلەپ ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھازىر ساقچىلار ۋەقە يۇز بەرگەن رايوننى قاتتىق قامال قىلغان.

بۇ گاۋ فامىلىلىك ئەرزدارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ماجالۇغا ئېلىپ كېلىنگەن ئەرزدارلار ئادەتتە كەچ سائەت بەشلەر ئەتراپىدا قويىۋىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سائەت بەشتە بۇ جايغا ئېلىپ كېلىنىشىدىكى سەۋەبنىڭ چوقۇم ئۇلارنى جازالاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: "ماجالۇ بەك چەت بىر يەر، ئەتراپىدا ئېگىز بىنامۇ يوق. نېمە قىلىۋاتقىنىڭىزنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.

ياتاقخانىدا ئاشخانا ۋە تەرەتخانىلار بار. ئۇلارنى ياتاقخانىغا ئورۇنلاشتۇرماي نېمىشقا ماجالۇغا ئېلىپ بارىدۇ؟ سەۋەب ئۇلارنى باستۇرۇش. ئۇلار ئادەتتە ئەرزدارلارنى سائەت بەشتە قۇيىۋېتەتتى. نېمىشقا شىنجاڭلىقلارنى سائەت بەشتە ئېلىپ كېلىدۇ؟ " ‏- دېدى.

"باش - كۆزى يارىلىنىپ، تامدىن سەكرەپ قېچىپ كەتكەن" بىر ئۇيغۇرنى، خىتايلار ئىزدەۋاتىدۇ

ھېلىقى باش، كۆزى يارىلىنىپ تامدىن سەكرەپ قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئاللىقاچان ئۆزىنى دالدىغا ئالغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بېيجىڭ تەرەپ نۇرغۇن ساقچى ئاجرىتىپ ئۇنى ھەر تەرەپتىن ئىزدەۋاتقان ئىكەن.

بۇ ھەقتە لياۋ نىڭدىن كەلگەن بىر ئەرزدار مۇنداق دەيدۇ: چۈشتىن كېيىن ئىدى. بىز ئەرزىيەت ماشىنىسىدا تۇرۇپ ئاشۇ تەرەپتە نۇرغۇن ساقچىلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى كۆردۇق. ئەرزىيەت مەھەللىسى تەرەپتە نۇرغۇن ساقچى ماشىنىسى بار ئىكەن. ئۇلار ھازىر ئۇيغۇرلارنى تەرەپ-تەرەپتىن تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ ۋە ھېلىقى قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرنى ئىزدەۋاتىدۇ."

ئەرزدارلار سانى 200 دىن ئوشۇق ئىكەن

ئالدىنقى كۈنى ۋەقەدىن خەۋەردار بىر ئەرزدار بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا ۋادىسىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇلارنىڭ بەزى بىر قىسمىنىڭ ئاقسۇدىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاقسۇ ئەرزىيەت ئىدارىسىغا تېلېفۇن قىلدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئاقسۇ ھۆكۈمەت تەرەپ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ياندۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن ئىكەن.

ئاقسۇ ئەرزىيەت ئىدارىسىدىكى بىر خادىم مۇنداق دەيدۇ: " ئاڭلىساق ئاقسۇ تەرەپ ئۇلارنى ياندۇرۇپ كېلىشكە خىزمەت گۇرۇپپسى ئەۋەتىپتۇ."

بەزى بىرەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ داۋاغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 200دىن ئارتۇق بولۇپ ھازىر 100 دەك ئۇيغۇر جياڭشىدىن بېيجىڭغا كەلگەن. بۇ ئۇيغۇرلار ئارىلىشىپ قالغان بۇ "سىرلىق" سودا "قانۇنسىز" دەپ ئېلان قىلىنىپ ئۇلارنىڭ ھېساباتى توڭلىتىلغان. مەلۇم بولۇشىچە توڭلىتىلغان پۇل 60 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

ھازىرچە بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە جەريانى تېخى تولۇق ئاشكارا بولمىدى. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.