18 - نۆۋەتلىك ئەرجىيەس قۇرۇلتىيىدا " شەرقىي تۈركىستان" ناملىق كۆرگەزمە ئېچىلدى
2007.08.13
18 - نۆۋەتلىك ئەرجىيەس زەپەر قۇرۇلتىيى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە قەيسىرىدىكى ئەرجىيەس تېغىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرۇلتايدا قەيسېرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ قاتنىشىپ بىر چېدىر قۇرغان.
بۇ چېدىرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى رەسىملەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ قۇرۇلتايغا ھەر يىلى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىن، ياۋروپادىن ۋە بەزى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قاتنىشىدۇ ۋە كۆرگەزمە ئاچىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەر يىلى دېگۈدەك بۇ پائالىيەتتە چېدىر قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
بۇ قۇرۇلتايدا ۋەزىپە ئېلىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياش مەمەتجان ئەپەندى كۆرگەزمىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا مەلۇمات بەردى. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 13 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىنماقتا
- 13 - نۆۋەتلىك تۇرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى ماكېدونىيەدە رەسمى باشلىدى
- تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىسى
- تۇركىيەدىكى يېڭى چاغ تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى
- در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى تېمىسىدىكى دوكلاتى
- تۈركىيە تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان توغرا يول پارتىيىسىنى زىيارەت قىلدى
- سائادەت پارتىيىسى رەھبىرى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى
- تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركىيىدە شېھىتلەرنى خاتىرلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى
- بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى
- د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىر ھەپتىلىك تۈركىيە زىيارىتى مۇۋاپىقيەتلىك ئاخىرلاشتى