18 - نۆۋەتلىك ئەرجىيەس زەپەر قۇرۇلتىيى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە قەيسىرىدىكى ئەرجىيەس تېغىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرۇلتايدا قەيسېرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ قاتنىشىپ بىر چېدىر قۇرغان.
بۇ چېدىرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى رەسىملەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ قۇرۇلتايغا ھەر يىلى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىن، ياۋروپادىن ۋە بەزى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قاتنىشىدۇ ۋە كۆرگەزمە ئاچىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەر يىلى دېگۈدەك بۇ پائالىيەتتە چېدىر قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
بۇ قۇرۇلتايدا ۋەزىپە ئېلىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياش مەمەتجان ئەپەندى كۆرگەزمىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا مەلۇمات بەردى. (ئەركىن تارىم)