ناخشا چولپىنى ئەركىن ئابدۇللا يېڭى ئالبۇمى ھەققىدە چىققان تالاش-تارتىشلار مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى
2006.04.28

ياش مۇزىكانت، ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ بىر قانچە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىگە ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكىلار بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا ئۇسلۇبىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ يېڭىچە ئۇسلۇبتا ئىشلىگەن ئىجادىي ئەسەرلىرىنى سوغا قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئاجايىپ ماھارەت بىلەن گىتار ئارقىلىق ئورۇنلىغان مۇزىكىلىرى ئالاھىدە يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىلىرى ناھايىتى قىشقا ۋاقىتتا ئۇيغۇرياشلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇر سەنئەت ئاسمىنىدىكى يېڭى چولپانغا ئايلانغان.
يېقىندا ئەركىن ئابدۇللا بىر قانچە ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ئەركىن پالۋان ناملىق يېڭى ناخشىسىنى سىناق تەرىقىسىدە قويغان. ئەمما ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىزدىنىش، شەبنەم قاتارلىق ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە، ئەركىن ئابدۇللانىڭ نەشىر قىلماقچى بولغان "دۆڭكۆۋرۈك ھەققىدە پاراڭ" ناملىق يېڭى پىلاستىنكىسىدىكى "ئەركىن پالۋان "ناخشىسى ھەققىدە ئالاھىدە زور بەس مۇنازىرىلەر بولغان.
ئەركىن ئابدۇللا تور بەتلەردىكى مۇنازىرە مەيدانلىرىدا پىكىر قاتناشتۇرغۇچىلارنىڭ "ئەركىن پالۋان" دېگەن ناخشىسىدا سادىر پالۋان قوشىقىنى ئۆزگەرتىپ ئېيتقانلىقى خەلق مىراسلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق، خەلق پالۋانلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق، خەلقنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىغا خالىغانچە قوپاللىق بىلەن چاق چاق قىلغانلىق، سادىر پالۋان ھەم ئۇنىڭ قوشاقلىرىغا داغ كەلتۈرگەنلىك" دېگەندەك قاتتىق تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان. ھەمدە ئۇنىڭ مەزكۇر ناخشىنى يېڭى پىلاستىنكىدىن چىقىرىۋېتىش ھەققىدە پىكىرلەر بولغان.
ئەركىن ئابدۇللا تورداشلار ھەمدە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېلىپ بارغان قوپال ياكى ئىلمىي يوسۇندىكى تالاش تارتىشلىرى ھەم پىكىرلىرىنى سوغاققانلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ توردا ئوچۇق خەت يېزىپ ئىزاھ بەرگەن روھىي ھەمدە ئىقتىسادى جەھەتتىكى زىيانلىرىنى قايرىپ قويۇپ بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان يېشى پىلاستىنكىنىڭ ھەممىنى بىكار قىلىپ، مۇنازىرە قوزغىغان ئەركىن پالۋان ناخشىسىنى چىقىرىۋېتىپ، پىلاستىنكىنى قايتا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىز ئەركىن ئابدۇللا پىلاستىنكىسىنى تارقىتىشقا مەسئۇل شىركەتنىڭ بىر مەسئۇلىنى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدۇق.
"ئەركىن پالۋان" غەۋغاسىنىڭ سەۋەب نەتىجىلىرى ھەققىدە بىز يەنە ئەركىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. كىچىك پېئىللىك بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەركىن ئابدۇللا بۇ ئىشتا پەقەت مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇريىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى، بۇ ئىشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ كەسپى جەھەتتىكى سەۋىيىسىنىلا ئۆستۈرۈپ قالماي، خەلق سەنئەتكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنۋېرسال بىلىملەرگە ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئىشتىن كېيىن نۆۋەتتە تور بەتلەردە "ئەركىن پالۋان" ناخشىسى تۈپەيلى پەيدا بولغان تالاش تارتىشلار بېسىقىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ ياش سەنئەتكارنىڭ سەنئەت ھاياتىدىكى بىر مۇھىم تاللاشقا يولۇققاندا توغرا يول تۇتقانلىقى مەدھىيىلەنگەن. گەرچە بۇ قېتىم ئۇنىڭغا نەچچە تۈمەنلەپ زىيان بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەركىن ئابدۇللا مۇشۇ پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدىغان ئابروينى، خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى. ئەركىننىڭ ئىجادىيەت يولىنىڭ يەنىمۇ راۋان بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز " دېگەندەك مەدھىيىلەرمۇ ئوتتۇرغا چىقماقتا. (گۈلچېھرە)
ئەركىن ئابدۇللا ناخشىلىرىدىن
on The Web
توردىكى پاراڭلار
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاتاقلىق ناخشىچى مۇرات ناسىروفنىڭ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۈزۈلمەس كۈي
- ئۈزۈلمەس تار
- كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ يېڭى CD پلاستىكىسى نەشر قىلىندى
- قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر رەسسام تەلەت رەخىموف ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
- سۇلتان مۇھەممەتنىڭ "ۋەتەن" ناملىق CD پىلاستىنكىسى نەشىردىن چىقماقچى
- ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇزىكا دەرسلىرىمۇ خىتايچە ئۆتۈلمەكتە