0:00 / 0:00
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى، گېرمانىيەنىڭ بۇرتتېسبرۇگ شەھىرىدە يۈرەك كېسىلى ئوپېراتسىيىسى قىلىنىپ، ئىككى ئايغا يېقىن دوختۇرخانا ۋە ساناتورىيىلەردە دەم ئالغاندىن كېيىن، 28 -ئاۋغۇست كۈنى مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپ ئىدارىسى خادىملىرى ۋە ئىجرائىيە كومىتېت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى ئايلىق خىزمەتلەردىن مەلۇمات ئالدى .