د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سوھبەت ئۆتكۈزدى (2)


2005.08.02
aliptekin-enqere.jpg
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سۆھبەتتە

UNPO نىڭ سابىق باش سېكرىتارى، د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئىستانبۇلدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەنقەرەگە كەلدى. ئۇ ئەنقەرە زىيارىتىدە نۇرغۇن پېشقەدەم سىياسەتچىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلات مەسۇللىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن باشقا، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەنقەرەدىكى پارك مېھمانخانىسىدا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

سۆھبەتتە مۇتەخەسسىسلەر ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن رۇسىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، رۇسىيە، ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە پۈتۈن بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ كۇشادە سوھبەت ئېلىپ باردى.

ئاخىرىدا بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر داۋاسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدىمۇ سۆھبەت بولدى. ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى، يېقىن كەلگۈسىدە، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياپونىيە بىرلىشىپ خىتاي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.