د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى خەلقئارالىق ئۈچ يىغىنغا قاتناشتى
2006.08.04
د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە، شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە ھەم لوزان شەھەرلىرىدە چاقىرىلغان „ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ھەي`ئەتلىرى يىغىنى"، „يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىشلەش گورۇپپىسى يىغىنى" ۋە „تىنچلىق مۇزاكىرىسى يىغىنى" دىن ئىبارەت ئۈچ يىغىنغا قاتناشقان.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ يىغىنلاردا، خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە باشقا ئەسىر مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- د ئۇ ق قازاقىستاننىڭ گېرمانىيىدىكى ئەلچىخانىسى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن
- د ئۇ ق گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جاۋابىنى تاپشۇرۇپ ئالدى
- NED نىڭ د ئۇ ق غا ياردەم بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەركىن ئالىپتېكىننى زىيارەت