0:00 / 0:00
د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە، شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە ھەم لوزان شەھەرلىرىدە چاقىرىلغان „ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ھەي`ئەتلىرى يىغىنى"، „يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىشلەش گورۇپپىسى يىغىنى" ۋە „تىنچلىق مۇزاكىرىسى يىغىنى" دىن ئىبارەت ئۈچ يىغىنغا قاتناشقان.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ يىغىنلاردا، خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە باشقا ئەسىر مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.