ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىنى ئالقىشلىدى


2007.09.20

Erkin-Rabiye.bmp
رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىم بىرگە. UAA Photo

17 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى پەرزەنتلىرىنى ۋە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىدىغان 497 - نومۇرلۇق قارارنىڭ ماقۇللانغانلىقى، بارلىق ئۇيغۇرلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى.

د ئۇ ق ۋە ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى، مەشھۇر سىياسىيون ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈردى ۋە رابىيە قادىر خانىمغا يۇقىرى باھا بەردى.

بۇ قارار ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: " ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىمغا يەنە بىر مەرتىۋە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن! مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىم 2005 - يىلى خىتاي تۇرمىسىدىن ئازات قىلىنغاندىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۈيۈك غەلىبىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. دۇنيانىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەۋاتقان بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدا، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ۋە ئامېرىكا كوڭگرېسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەڭ جانلىق بىر رەۋىشتە ئاڭلىتىپ، بۈگۈن خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا مىسلىسىز ئېغىر زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئەزىز مىللىتىمىزگە ھېسداشلىق قىلغۇچى زور بىر تۈركۈم دۇنيا جامائەت كۈچىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ قېتىم ماقۇللىغان 497 - نومۇرلۇق قارارى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى قوبۇل كۆرۈشى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىمغا چۇڭقۇر ھۆرمىتىمنى ۋە رەھمىتىمنى ئىزھار قىلىمەن! "

رابىيە قادىر خانىم پۈتكۈل ئىنسان ھەقلىرى دۇنياسىنىڭ بايراقدارى ھەم قەھرىمانى

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا سىياسىي سەھنىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى ئورنىغا يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: "ئەلۋەتتە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەشلىرى بىلەن ئامېرىكا پارلامېنتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئەپەندىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ۋە مەدھىيىسىگە سازاۋەر بولغان مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىم، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدا، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ۋە غەرب ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان مۇجادىلىسى بىلەن، دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى مۇساپىسىدە ئۆزىنىڭ يېتىلگەن رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ، بەختسىز مىللىتىمىزنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتتى. بۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى مۇساپىسىدە بىز قولغا كەلتۈرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بىر غايە ئىدى. بۈگۈن رابىيە قادىر خانىم يالغۇز ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى سالاھىيىتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسان ھەقلىرى دۇنياسىنىڭ بايراقدارى ھەم قەھرىمانى سۈپىتىدە چولپان كەبى پارلاشقا باشلىدى. بۇ، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن زور شان - شەرەپ ۋە بۈيۈك غەلىبە ! "

"مەن مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىمغا ئۆز نامىمدىن ۋە ئالىپتېكىن ئائىلىسى نامىدىن تەشەككۈر ئىزھار قىلىش، تېخىمۇ زور نۇسرەت تىلەش بىلەن بىرگە، ھازىرغا قەدەر بولۇپ ئۆتكىنىدەك، ئالىپتېكىن ئائىلىسىنىڭ ھەر قاچان رابىيە خانىمنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ۋە پۈتۈن ئىمكانلىرى بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىمەن!"

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك يەنە بىر غەلىبىسى

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە يەنە بىر مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: "خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنى دەھشەتلىك رەۋىشتە باستۇرۇپلا قالماي، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورىزم تۆھمىتى بىلەن ئۇجۇقتۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەرلىرىنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي، دېپلوماتىك ۋاسىتىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ تېنىم تاپمايۋاتقان بىر پەيىتتە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى G. W. Bush ئەپەندى ھەم ئۇنىڭ خانىمى بىلەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىدە دىدار كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرت - ئەلەملىرىنى ئەسلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى بۈگۈنكى زامان تارىخىمىزدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك يەنە بىر نۇسرىتىدۇر!"

"رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ تۆھپىسى مۇھاجىرەتتىكى مىللىي كۈرىشىمىزنى يېڭى بىر دەۋرگە باشلاپ كىردى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە سۇۋالغان قارا داغنى تازىلىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرت - ئەلەملىرىنى ھەققانىيەت دۇنياسىغا تونۇتتى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەسلى ئىرادىسىنى ئېتىراپ قىلدۇردى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھەقلىق دەۋا ئىكەنلىكىنى، 25 مىليون خەلقنىڭ بۇ مۇقەددەس دەۋاسىنىڭ ئەبەدىلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش كۈرىشىنىڭ مۇقەررەر رەۋىشتە غەلىبە قازىنىدىغان كۈرەش ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى!"

"مەن مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسىگە ئاتا قىلغان بۇ شان - شەرەپلىرى ئۈچۈن رەھمەت ۋە ئاپىرىن ئېيتىمەن!" (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.