خىتاي ساقچىلىرى گۇماندار ئەركىن ئەمەتنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۆي ئاختۇرۇش سەپەرۋەرلىكى قوزغىدى

خىتاي ساقچىلىرى گۇماندار ئەركىن ئەمەتنى تۇتۇش ئۈچۈن كورلا، قاغىلىق ۋە كۈنەس ناھىيىلىرىدە ئۆي ئاختۇرۇش سەپەرۋەرلىكى قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2009 - ﻳﯩﻠﻰ 15 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
2009 - ﻳﯩﻠﻰ 15 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺷﺘﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە كورلا جەمئىيىتىدىكى جىددىيچىلىك داۋاملاشماقتا. نەسىرۇللا قاتارلىق پىدائىيلارغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ 10 كۈندىن بېرى ئىزدىلىۋاتقان غوللۇق گۇماندار ئەركىن ئەمەتنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، بۈگۈن 200 دىن ئارتۇق خىتاي ساقچىسى، كورلىنىڭ خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ شاڭيو يېزىسىدا كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى كورلىدىكى بۇ ۋەزىيەتنى ئاخباراتتىن ئىزچىل ھالدا يوشۇرۇپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينى «كورلا ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

كورلىدىكى بومبا ياساش ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىزدىلىۋاتقان غوللۇق گۇماندارلىرىدىن بىرى، ئەركىن ئەمەت ئىسىملىك كىشى بولۇپ، ئۇ كورلىغا قوشنا بولغان خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ شاڭيو يېزىسىدىن. بۈگۈن 200 دىن ئارتۇق خىتاي ساقچىسى، شاڭيو يېزىسىنى قورشاۋغا ئېلىپ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ساقچىلارنىڭ ئۆي ئاختۇرۇش داۋامىدىكى قوپاللىق ۋە يولسىزلىقلىرى يەرلىك ئاھالىلەردە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان.

خىتاي ساقچىلىرى مەزكۇر دېلونى پاش قىلىش داۋامىدا 4 كىشى ئۆلگەن، 50 دىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان، تۇتقۇن يەنە داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ خىتاي ئاخباراتى ۋەقەگە قارىتا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي ئاخباراتىنىڭ كورلا ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بۈگۈن كورلا ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بايان قىلدى. دولقۇن ئەيسا سۆزىدە، كورلا ۋەقەسىنىڭ ب د ت دا ئىنسان ھەقلىرى يىغىن ئېچىلىپ، خىتاي تەنقىدلىنىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى شۇڭا خىتاينىڭ كورلا ۋەزىيىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. دولقۇن ئەيسا سۆزىدە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى كورلا ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىككە كۆزىتىشكە چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى غوللۇق گۇماندار ئەركىن ئەمەتنى تۇتۇش ئۈچۈن، كورلىدىن باشقا يەنە يەكەن، قاغىلىق ۋە كۈنەس ناھىيىلىرىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەمما بۈگۈنگىچە تۇتالمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت