ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
2004.09.15

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىموكراتىيە، ئىنسان ھوقوقى ۋە ئەمگەك باشقارمىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى داۋاملىق بوغىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارغا دىنىي سەۋەبتىن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتىن چەتنەپ كېتىۋاتىدۇ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋىل چارشەنبە كۈنى مەزكۈر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە تۇختىلىپ مۇنداق دىدى:
- بىز خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشنى قوللايمىز. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتىن چەتنەپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتىمىز. ئۇلار تىنچ ھالدا دىنىي ۋەزىپىلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى باستۇرىۋاتىدۇ. بەزىدە مۇسۇلمانلار ھەتتا بەش ۋاق ناماز ئۆتىگەنلىكى ۋە ياكى مەسچىتكە بارغانلىقى ئۈچۈنلا " تېررورچى " دەپ گۇمان قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئۆز دىنىدىكى ئەمەللەرنى بىجا كەلتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز پۈتۈن دۇنيادا مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تېرىشىۋاتىمىز. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇلارنىڭ بىرى. ئەمەلدارلىرىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شىنجاڭغا بارغىنىدا، ئۇ يەردىكى مەسجىتلەرگە " 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ" دىگەن خەت يېزىلغان تاختا ئېسىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى ھەققىدە ماڭا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ شىنجاڭدا ئەمەلگە ئاشمىدى.
خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئۆتكەن يىلى ئىنتايىن ناچار بولغان
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى جەريانىدا يەنىلا ئىنتايىن ناچار بولغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا" گەرچە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دىنىي ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي پائالىيەتلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ئورگانلار ۋە ئىبادەت قىلىش ئورۇنلىرى ئارقىلىق چەكلەيدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.
مەزكۈردوكلاتتا يەنە، " خىتاينىڭ ئومومىي نوپۇسى 1.3 مىليارد بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئىستاتىستېكىلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر خىتايدا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئومومىي سانى 200 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلار پەقەت 1.4% نى ئىگەللەيدۇ" دىيىلگەن.
دوكلاتتا ئىيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلارغا قاراتقان سىياسىتى ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نىڭشىيادىكى تۇڭگانلارنىڭ مەسجىد سېلىشىغا يول قويسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەسجىد سېلىشىنى قاتتىق چەكلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي تەلىم ـ تەربىيە ئېلىپ بېرىشى ۋە ئىماملارنى تەربىيىلىشىنى چەكلەپلا قالماستىن، ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە پروفېسسورلارنىڭ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى مەنئى قىلغان.
دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ 1997 - يىلىدىكى " غۇلجا ۋەقەسى" دىن كىيىن، دىنىي پائالىيەتلەرنى "بۆلگۈنچىلىك" ھەرىكەتلىرىگە چېتىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن ھەمدە دىنىي سورۇنلارنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداقلا مىللى مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان پائالىيەتلەر، ئاتالمىش "قانۇنسىز" دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى ئېنىق پەرقلەندۈرمەي، تەقۋادار دىنىي زاتلار ۋە ياكى تىنچ ھالدا ئۆز سىياسى كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ، سولاپ جازالىغان.
"قانۇنسىز" دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلەر پەرقلەندۈرمىگەن
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا خىتاي دۆلەت ئىشلار كومىسارى ئىسمايىل ئەمەتنىڭ 2002 - يىلى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن دىنىي ئېتىقاتنى دۆلەت مەنپەئەتىگە بۇيسۇندۇرۇش ھەققىدىكى سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەن.
باشقا دىن مۇرىتلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنىمۇ قاتتىق دەپسەندە قىلىنماقتا
بۇ دوكلاتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت بۇددىستلىرى، خىتاي خىرىستيانلىرى، كاتولىكلىرى، فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىمۇ ئوخشاشلا قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى ئەلچىخانا، كونسولخانىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ۋە خىتايدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى قوللاش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارغا دىنىي ئەركىنلىك بېرىشكە دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1999 - يىلىدىن بويان خىتاينى " ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك دۆلەت" قاتارىغا كىرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي گۇرۇپپىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان كەمسىتىشى ۋە دىنىي باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەپ كەلمەكتە. (ئارزۇ)