ئاۋام پالاتاسى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ " يەر شارى دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىگى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتى " نى باھالاش بويىچە گۇۋالىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىدىكى دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدى . تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتى ، دۇنيادىكى 190 دەك دۆلەتنىڭ دىنىي ئېتىقات ۋەزىيىتىگە باھا بەرگەن . خىتاي دوكلاتتىكى دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىگىدىن پەۋقۇللادە ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بېرما ، ئىران ، شىمالى كورىيە ، سەئۇدى ئەرەربىستان ، سۇدان قاتارلىق 8 دۆلەتنىڭ بىرى . چارشەنبە كۈنكى يىغىننى ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناىسۋەتلەر كومېتىتى ئۇيۇشتۇردى . يىغىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك ئەمەلدارى گۇۋالىق بېرىپ ، خىتايدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش ھەركىتىدىن پەۋقۇللادە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى .
ئامېرىكا تاشقى ئىلار مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك ئەمەلدارى باش ئەلچى جون خانفورتنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت بۇددىستلىرى ، ئۇيغۇر مۇسلىمانلار, ۋاتىكانغا ئىشىنىدىغان كاتولىكلار ۋە يەر ئاستى پرۇتېستانلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا . جون خانفورت مۇنداق دەيدۇ : " نۇرغۇنلىغان دىندارلار دىنىي ئېتىقاتى سەۋەبىدىن تۈرمىگە كىرمەكتە , بۇنىڭدىن سىرت قولغا ئېلىش ، قىيىن - قىستاق ۋە تەن جازاسى بېرىش داۋاملاشماقتا ، شۇنداقلا ئىبادەت ئورۇنلىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا " . خانفورت ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بېرى زەربە بېرىش نىشانىنى مۇستەقىل دىنىي گۇرۇھلارغا قاراتقانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇ ، ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى مەھبۇسلار , شۇنداقلا ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا تۇتقان سىياسىتىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ دەپ كۆرسەتتى . خانفورت , خىتاي دائىرىلىرىنى يەر ئاستى چېركاۋ پوپلىرىغا تۆھمەت قىلىش ، يەر ئاستى چېركاۋنىڭ ئايال مۇرىتلىرىنى پوپلارنىڭ باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا يالغان گۇۋالىق بېرىشكە قىستاش بىلەن تەنقىتلىدى .
خانفورتنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، خىتاي دائىرىلىرى جەنۇبىي خىتايدىكى بىر يەر ئاستى چېركاۋنىڭ 4 ئايال مۇرىتىنى مەزكۇر چېركاۋنىڭ پوپى ئۈستىدىن يالغان گۇۋالىق بېرىشكە قىستىغان . دائىرىلەر ئايال مۇرىتلارنى بىر ئۆيگە سولاپ قىيناش ئارقىلىق ئايال مۇرىتلارنىڭ خوشنا ئۆيدىكى ئائىلە تاۋاباتى ۋە بالا - چاقىلىرىدا ئاياللار پوپنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقاندەك تەسىرات يارىتىشقا ئۇرۇنغان . خانفورتنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئايال مۇرىتلار يالغان گۇۋالىق بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن تۈرمىگە ئېلىنغان . تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يەر شارى دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىگى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتى بۇ يىل 9 - ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، دۇنيا بويىچە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 دۆلەتتىكى پۇخرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاتتىن بەھرىمان بولۇش ئەركىنلىگى پەۋقۇللادە ئەندىشە ياراتماقتا دەپ قارالغان . ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پولىن پوۋېلل , گرازدانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان خىتاي ، بېرما ، ئىران ، شىمالى كورىيە ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارىغا بۇ يىل سەئۇدى ئەرەبىستان ، ۋېيتنام ۋە ئېرىتىرىيەنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يىللىق دوكلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا مۇسلىمان ياشلارنىڭ دىنىي - ئېتىقات پالىيىتىنى ئالاھىدە چەكلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان . جون خانفورت ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يىللىق دوكلاتى ئۈستىدە توختالغاندا ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى مەسچىت تاملىرىغا " 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ" دىگەن ئاگاھلاندۇرۇشلار يېزىلغانلىقىنى ئىلگىر سۈرگەن . ئۇ ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ، ئوخشىمىغان ئېتىقاتتىكى بارلىق دىندارلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق بۇ ئەھۋال شىنجاڭدا كۆرۈلمىدى دەپ تەكىتلىگەن ئىدى . (ئەركىن)