خىتاي، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى يەنىلا قاتتىق باستۇرماقتا
2005.05.03

باش شتابى پارىژدىكى "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ دوكلاتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئاسىيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى زوراۋان كۈچلەر ۋە ئاخباراتنى نازارەت قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان. خىتاي خوشنا دۆلەتلىرىدىن بولغان شىمالىي كورىيە، بېرما ۋە ۋېيتنامغا ئوخشاشلا ئاخبارات ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئەركىن تارقىلىشىنى قاتتىق كونترول قىلغان.
خىتاي مۇخبىرلارنى تۈرمىگە ئەڭ كۆپ تاشلىغان دۆلەت
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى دۇنيادا 53 مۇخبىر ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ 16 سى ئاسىيادا ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە فىلىپپىندا ئالتە مۇخبىر، بىنگالدا تۆت مۇخبىر ئۆلتۈرۈلگەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى ئايغىچە 107 نەپەر مۇخبىر خىزمەت سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان . خىتاي مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلىغان دۆلەت بولۇپ، 27 نەپەر مۇخبىر ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتماقتا. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدىكى بىر مۇخبىر ئۆتكەن يىلى يەنە "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە مەزكۇردوكلاتىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە،دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچىسى خې چىڭلىيەن يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تۈرمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
ھەقىقەتنى سۆزلەش ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى ئەمەس، بەلكى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى. بىراق كىشىنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى، خىتايدا بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئىشاقا ئايلىنىپ قالدى.
- مەن خىتايدا قانچىلىك ئادەمنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئەمما مەن بۇنداق ئىشلارنىڭ خىتايدا داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. ئىككى كۈن ئاۋۋال تېخى خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن شىتاۋ ئىسىملىك بىر مۇخبىرنى ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى قوغلىشىپ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۇلارغا ھېچقانداق شۆھرەت ئېلىپ كەلمەستىن، بەلكى ئۇلارغا داغ كەلتۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى " ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش" ، " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، خەلق ئارىسىدىكى ئوبرازىنى پۈتۈنلەي ئاستى-ئۈستۈن قىلىشقا ئۇرۇندى. مەن بىزنىڭ بۇنداق بىر ھۆكۈمىتىمىز بولغانلىقىدىن قاتتىق نۇمۇس قىلىمەن.
ئۇ يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا ئاخبارات ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
دوكلاتنىڭ رولى
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ھەر يىلى دۇنيانىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھەر يىلى دېگۈدەك دوكلاتتا تىلغا ئېلىنىپ، ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندى تەشكىلاتىدا زىيارەتچى مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتقان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكولتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى جياۋ گوبياۋ ئەپەندى مۇنداق دېدى:
"چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەيدىغان بۇنداق دوكلات ئېلان قىلىشى بىر ياخشى ئىش. بىراق، ئەگەر خىتايغا دىپلوماتىيە جەھەتتە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ب د ت بولامدۇ، ئامېرىكا- ياۋرۇپا بولامدۇ بىرلىكتە كونكرېت تەدبىر قوللانمىسا، بۇنداق دوكلاتنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتا چوڭ رول ئوينىيالىشى ناتايىن. ئەمما، شۈبھىسىزكى خىتايغا جامائەت پىكرى بېسىمى ھاسىل قىلالايدۇ" .
ئەڭ يېڭى مىسال
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ خىتايدىكى مۇخبىرلارنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر مىسالى، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنىدە، ب د ت مائارىپ، تەبىئىي پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن تارقىتىلغان" دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك مۇكاپاتى" غا ئېرىشكەن "جەنۇبىي شەھەر گېزىتى" نىڭ سابىق باش تەھرىرى چىن يىجۇڭنىڭ چەتئەلگە چىقىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.
كانادادا ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچىسى رىن بۇمېي ئاخبارات ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇخبىرلارنى مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىشتىن توسۇش، خىتاينىڭ كونا سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر ئىشنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە تېخىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىشىنى خالىمايدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىنى چەتئەلگە چىقارماسلىق ئەمەلىيەتتە، ئۇ كىشىگە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زىيانكەشلىك قىلىش. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ خىتايدىكى مۇخبىرلارنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ".
رىن بۇمېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈپكى دۆلەت سىياسىتى. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش تېخنىكىسىمۇ بارغانسىرى ئىلغارلىشىۋاتقان بولۇپ، شۇڭا خىتاي خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە، سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ باستۇرىدىكەن.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىمۇ قاتتىق باستۇرغانلىقى، گىرمانىيىدىكى " شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى" گە ئۇچۇر يوللىدى دېگەن نام بىلەن قەشقەرلىك ئابدۇغېنى مەمتىمىننى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە .
ھۆكۈمەتلەر تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئاخبارات ئەركىنلىكى بوغماقتا
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " تېررورىزچىلىققا قارشى تۇرۇش" نامىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلقى تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەتتە، خىتاي، پاكىستان ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاخبارات ساھەسىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى قامال قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە داۋاملىق تۈردە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، تىبەت ئاۋازى قاتارلىقلارنىڭ پروگرامملىرىنى قاتتىق توسۇپ،" ۋولسىتىرىت ژورنىلى" نىڭ خىتايچە تور بېتىنى چەكلىگەن.
خۇ جىنتاۋ " ئاخبارات مۇشتۇمزورى" تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۆلەتلەردىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىنى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىش بىلەن بىللە، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلغان 34 نەپەر " مۇشتۇمزور" نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ تىزىملىكتە تۆتىنچى بولۇپ تىلغا ئېلىنغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خۇ جىنتاۋنى " ئاخبارات ئەركىنلىكى مۇشتۇمزورى تىزىملىكى" گە كىرگۈزۈشىنىڭ ئەلۋەتتە سەۋەبى بار بولۇپ، بەلكىم رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز چىن يىجۇڭنىڭ ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن يازغان رەخمەت خېتىدىن بەزى سەۋەبلەرنى تاپالىشى مۇمكىن. چىن يىجۇڭ خېتىدە: "ھەقىقەتنى سۆزلەش ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى ئەمەس، بەلكى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى. بىراق كىشىنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى، خىتايدا بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئىشاقا ئايلىنىپ قالدى"- دېگەن.
ئاسىيادا ئاران ٪ 7 ئاھالە ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولالايدۇ
بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىدىكى دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىك تەرەققىياتلارنى كۆزىتىدىغان خەلق تەشكىلاتى- " ئەركىنلىك ئۆيى" مۇ " خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى" مۇناسىۋىتى بىلەن تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆتكەن يىلى ئاسىيادىكى پەقەت ٪ 7 ئاھالىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئەڭ ناچار بولغان دۆلەتلەر شىمالىي كورىيە بىلەن بېرما ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئىنتېرنېتنى توسۇشتا غەلىبە قىلماقتا
- خىتاي 2004 - يىلى يەنىلا دۇنيادا مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ قامىغان دۆلەت ھېسابلاندى
- خىتاي دۇنيا بويىچە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ئاز بولغان دۆلەت
- خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات ساھەسى ۋە زىيالىلار سىپىگە قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە
- خىتايدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلىسى
- خىتاي ھۆكۈمىتى Google ئېنگىلىزچە خەۋەرلەر تور بېتىنى توستى
- گېزىتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇن بار بەت يىرتىۋېتىلگەن