قەشقەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەنگەن


2005.09.21

"قەشقەر گېزىتى" 21 -سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ياش- ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئىدىيە- ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش باھانىسى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىق خىزمىتىنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردا سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيىسى تەربىيىسى ئېلىپ بارماقتا.

دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولۇپ، "شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر بۆلىكى" ئىكەنلىكى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەر قايسى مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىم نۇقتا ھېسابىدا چۈشەندۈرىلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، دىنىي ئېقىملارنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن مىللىي ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى چەكلىنىپ، ئۇلارنىڭ "دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەر" نى كىيىشىگىمۇ يول قويۇلمايدىكەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.