خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2007.09.20
20- سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۇ، ئامېرىكا خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان دوكلاتقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ "ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق" ھەمدە " ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىنى ئەيىبلەشلىرى پۈتۈنلەي ئاساسسىز" دېدى.
جياڭ يۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا ، خىتاينىڭ نارازىلىق ئىنكاسىنى ئىپادىلەپ: "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتقا قارىتا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە كەسكىن قارشى تۇرىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۆز خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان
ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2007- يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۆز خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقى ۋە خىتايدىكى خرىستىئانلارنى، تىبەتلىك بۇددىستلارنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى مۇناسىۋىتى بىلەن يېقىندىن بۇيان خىتايدا ئەۋج ئالغان ئېغىر باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
دوكلاتنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسىمدا كونكرېتنى قىلىپ، خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ رايونلارغا قاراپ پەرقلەندۈرىلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىغاندا كۆپرەك دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشى چەكلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر دوكلات ھەققىدە توختالغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك پروگراممىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى جون خەنفورد ئەپەندى، بۇ يىللىق دوكلاتقا يەنە ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنيى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بوغۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرما ۋە خىتاينى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ۋە "خىتاي مەسىلىسىگە كەلسەك، پرېزىدېنت بۇش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس ، مۇئاۋىن مىنىستىر نېگروپونتې قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا دۆلەت ئەربابلىرى خىتاينى دىنىي ئەركىنلىكنى قويۇۋېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ئۈزلۈكسىز خىتايدا سادىر بولۇۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەن بولسا، ئىجابىي تەرەپلەرگە ياردەم قىلىپ كەلدى" دېدى
دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىنىپ كەلمەكتە
جون خەنفورد سۆزىدە يەنە ، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ۋە خىتاينىڭ بەزى جايلىرىدا ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ھەمدە خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بوغۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ " ئامېرىكا رەھبەرلىرى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە تىنچ يوسۇندا دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىشى قاتارلىقلار ئۈستىدىمۇ سۆزلىشىپ كەلدى" دېدى.
خىتاي باياناتچىسى جياڭ يۇ يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما "خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە ھەرخىل دىنىي گۇرۇپپىلار كەڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ" دېدى.
ھالبۇكى ، تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن بىر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى خېلى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىنىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلىنىدىكەن ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇرۇش، ياغلىق ئارتىپ يۈرۈش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدىكەن.
بۇ ھەقتە ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى قارار ماقۇللاش يىغىنى جەريانىدا پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمس ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.
خىتاي ھەر يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا تەنقىدكە ئۇچرايدۇ
خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى بولسا ماركىسىنىڭ ئاتېئىزم تەلىماتىنى يېتەكچى قىلغان دەھرىي دۆلەت بولۇپ، چېركاۋ، مەسچىت ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي كومپارتىيىسى ئىگىدارچىلىقىدا ، مەزكۇر ئىبادەت ئورۇنلىرىنىڭ پوپ، ئىمام ۋە راھىب كالانلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ۋە ھۆكۈمەت تەمىناتىغا ئېرىشىدۇ.
خىتاي مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، ئوز سىياسىتىنى ياخشى ئىجرا قىلىدىغان ، گېپىنى ئاڭلايدىغان كىشىلەرنى ئىمامەتچىلىك ۋە راھىب كالانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلاردىن ئىبادەت ئورۇنلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى.
خىتاي ھەر يىلى دېگۈدەك مەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ۋە مەيلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتلىرىدا بولسۇن، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، دىنىي ئەركىنلىكى بوغۇش جەھەتتە ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىپ كەلمەكتە. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاۋسترالىيىدە كۆپ تەشكىلات بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن نامايىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلدى
- ھۈسەيىن جېلىل 18 ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئانىسى بىلەن كۆرۈشتى
- مېركېل خانىم خىتاينى ئاخبارات ۋە سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە قىستىدى
- ۋەتەن زىيارىتىدىن كېيىنكى ئاچچىق ھىسلار (2)
- 2008- يىللىق ئولىمپىككە بىر يىل قالغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قارىشى نارازلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قانۇن لايىھىسى سۇندى
- خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى
- ئۇيغۇرلار پاسپورتىدىنمۇ ئايرىلغاندا...
- خىتاي ھۆكۈمىتى 4 - ئىيون ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى قەبىھلەشتۈردى
- رابىيە قادىر خانىم داڭلىق " ۋال ستىرىت ژورنىلى " گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلدى
- خەلق - ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقتا كەينىگە چېكىنىپ كېتىش بىلەن ئەيىپلىدى
- خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلاردىن ئاز سانلىق مىللەتلەر بەھرىمان بولالمىدى
- خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەيىبلىمەكتە