ئەركىنلىك سارىيى: خىتايدا مۇستەبىتلىك تۈزۈمى دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
2007.09.26

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دۇنيادىكى بىر قىسىم ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيە تەرەققىيات ئەھۋالىنى تېما قىلغان "ئۆتكەلدىكى دۆلەتلەر" دېگەن ماۋزۇدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا مۇستەبىتلىك تۈزۈمنىڭ دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت ، ئۇيغۇر ئىلى ۋە ئىچكى موڭغۇللاردىكى سىياسىتى تەنقىدلەنگەن.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ " ئۆتكەلدىكى دۆلەتلەر" دېگەن ماۋزۇدىكى دوكلاتىدا دۇنيادىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە 60 دۆلەتنى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئەھۋالى، ئاممىنىڭ رايى ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى قاتارلىق ساھەلەردە باھالاپ چىققان بولۇپ، يۇقىرىقى ساھەلەردە ئىپادىسى ياخشى دۆلەتلەر 7 نومۇر، ئىپادىسى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرگە 0 بېرىلگەن. خىتاي بۇ ساھەلەردە خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەر قاتارىدا باھالىنىپ، پۇقرالار ئەركىنلىكىدە 2.14 ، ئاممىنىڭ رايى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىدە 1.17، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىدە 2.49 نومۇر ئالدى. "
خىتاي كۆچمەنلىرى تىبەت، ئۇيغۇر ئىلى ۋە ئىچكى موڭغۇلدا ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىنى ئىگىلىۋالدى"
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا قارىغاندا خىتاينىڭ يۇقىرىقى ساھەلەردىكى ئىلگىرىلىشىنى 2005 - يىلغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز دېيىشكە بولىدۇ. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جېننىفېر ۋىندسور، سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا ، خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان زور مەسىلىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ۋىندسورنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى مۇھىت ۋەيرانچىلىقى "ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك تورىنىڭ" ئاجىزلىقى، قەرەللىك ئاممىۋىي سالامەتلىك كرىزىسى ۋە ئاققۇنلار مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. لېكىن ۋىندسور، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى يېڭىش ئىرادىسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "دائىرىلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى يېڭىش ئىرادىسى كىشىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ. بىزنىڭچە بۇ سېستىما ئىقتىسادى جەھەتتە ھەرىكەتچان بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي رەھبەرلىك پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە ئىشەنچلىك ئەمەس "دەپ كۆرسەتتى. ۋىندسور، " خىتاي ئاۋام پۇقرالىرىنىڭ" كومۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىگە بۇرۇنقىدەك ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالىغا 2.14 نومۇر بېرىلگەن.
دوكلاتنىڭ بۇ قىسىمىدا خىتاي ئاساسىي قانۇنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى پۈتۈن مىللەتلەر تەڭ باراۋەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتى قوغدىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن "خىتاي كۆچمەنلىرى غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ سايىسىدا تىبەت، ئۇيغۇر ئىلى ۋە ئىچكى موڭغۇلغا سەلدەك ئېقىپ كىرىپ، بۇ يەرلەردە ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىنى ئىگىلىۋالدى "دەيدۇ.
" ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوشۇرۇن ئىرقىي تازىلاشقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ "
دوكلاتتا يەنە، بەزى چەتئەللىك تەنقىدچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوشۇرۇن " ئىرقىي تازىلاش " دەپ تەنقىد قىلىۋاتقانلىقىنى يازدى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ.
ۋاشىنگتوندىكى كارنىگې خەلقئارا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگىنىنىڭ خىتاي تەتقىقات پروگراممىسى مۇدىرى پېي مىنشىن، ئەركىنلىككە پەقەت 3 - كۈچلەر مەۋجۈت بولغاندىلا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "ئۈچىنچى كۈچ دېگىنىمىز ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيىلەر، مەتبۇئات ۋە ئاممىۋىي پىكىر ئەركىنلىكى، مۇستەقىل ئەدلىيە ياكى خەلقئارا ئۆلچەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن خىتاي مەسىلىسىدە 3 - كۈچنىڭ ناھايىتى ئاجىز ياكى مەۋجۈت ئەمەسلىكى ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز " دەيدۇ. ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتتا، خىتاي ئاساس قانۇنى ھەققىدە توختىلىپ، 1982 - يىلى تۈزۈلگەن مەزكۇر قانۇندا شەخسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەمەس، دۆلەتنىڭ ئىمتىيازى، پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى كۆپرەك تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، 2004 - يىلى خىتاي ئاساسىي قانۇننىڭ 33 - پاراگراپىغا "دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە قوغدايدۇ " دېگەن بىر ماددا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ماددىنىڭ ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
"ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ئاساسىي قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، خەلقئارا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسىغا خىلاپ"
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات پاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى تام گولد، ئەركىنلىك سارىيىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنى تەييارلىغان خىتايشۇناسلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ يېزا - شەھەرلىرىدە ئاساسىي قانۇندىكى ھەق - ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش بارغانچە كەسكىن تۈس ئالماقتا شۇنداقلا قانۇنسىز تۈرمىگە سولاش ۋە تەن جازاسىغا قارشى ئەرزى - شىكايەتلەر كۆپەيمەكتە.
تام گولد،" بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى بېيجىڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئەرز - شىكايەتچىلەرنى سولايدىغان بىر ئالاھىدە تۈرمە توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ تۈرمىدە داۋاگەرلەردىن ۋەھشىيلەرچە ئۆچ ئېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى" دەپ كۆرسەتتى. تام گولد يەنە ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پۇقرالارنى 4 يىلغا قەدەر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدا تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتتا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، خىتاي قانۇنچىلىرىنىڭ بۇ تۈزۈمنى " ئاساسىي قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، خەلقئارا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسىغا خىلاپ " دەپ قارىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
" بانكىلاردا پارتىيە تەشكىلاتى بار. بانكا مۇدىرلىرىنى پارتىيە تەيىنلەيدۇ "
كارنىگې خەلقئارا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگىنىدىكى پېي مىنشىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىگە تېخنىكا جەھەتتىنلا تەدبىر قوللىنىپ، سىستېمىنىڭ ئۆزىگە چېقىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پېي مىنشىن، خىتاي بانكا سېستىمىسىنى مىسالغا ئېلىپ، "بانكىلاردا پارتىيە تەشكىلاتى بار. بانكا مۇدىرلىرىنى پارتىيە تەيىنلەيدۇ ۋە يەرلىك پارتىيە رەھبىرى بانكىنىڭ كونكرېت قۇرۇلۇشلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلالايدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پايدا يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن بانكا ئەمەلدارى ئۇنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، تەمىنلىمىسە خىزمىتىدىن ئېلىنىشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتتى. پېي مىنشىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى خاتا يولغا يىتەكلەنمەكتە. ئۇ، "خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاشۇرىۋېتىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن" دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن ساپادىكى ئېشىش ئىقتىسادتىكى ئېشىشقا يىتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 62 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى باشلاندى
- د ئۇ ق رەھبەرلىرى ب د ت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە جەنۋەدە نامايىش ئېلىپ باردى
- نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلار نوبىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
- ئاۋسترالىيىدە كۆپ تەشكىلات بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن نامايىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلدى
- ھۈسەيىن جېلىل 18 ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئانىسى بىلەن كۆرۈشتى
- زامانىمىزدا خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىر تەتۈر ئېقىم
- مېركېل خانىم خىتاينى ئاخبارات ۋە سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە قىستىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات كونتروللۇقىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي دېموكراتلىرى ئەمدى چەتئەللەردە تۇرۇپ نېمە ئىش قىلالايدۇ؟
- ۋەتەن زىيارىتىدىن كېيىنكى ئاچچىق ھىسلار (2)