خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قولغا ئالغان يازغۇچى ۋە مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
2005.06.20
خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ 71 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 6 - ئاينىڭ 14 -كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە سىلونىۋىيىدە ئۆتكۈزۈلدى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى. يۇقىرىدا تەكىتلەنگىنىدەك، قۇرۇلتايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان يازغۇچى، مۇخبىر ۋە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئۆز پىكىر- قاراشلىرىنى ئېلان قىلغۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەشەببۇس قىلىندى. قۇرۇلتاي يەنە، خىتاي يازغۇچىلىرى مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ خىتاي ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى كۆرۈپ چىقتى.
قۇرۇلتايدا سۆز قىلغان، خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ ۋەنپىڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىشتەك قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز خىتاي رايونىدىلا ئەمەس، تىبەت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، خوڭكوڭ ، ماكاۋ قاتارلىق جايلاردىمۇ كىشىلەرنىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۈز يەتكۈزۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ مۈستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شى بو، چېڭ شاڭ قاتارلىق تۈرمىگە تاشلانغان 19 نەپەر يازغۇچى ۋە مۇخبىرنى قويۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئېنتېرنېت تور بەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ، " دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش" شۇنىڭدەك " مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش" دېگەندەك جىنايەتلەر ئارقىلىق يازغۇچى، مۇخبىرلارنى ئەيىبلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭيى، خىتايدىن بىۋاستە كېلىپ، مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتناشقان بىردىن - بىر ۋەكىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ جىنتاۋ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بېرى، خىتاي سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە قاراتقان زەربىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا 45 نەپەر يازغۇچى ، مۇخبىر ۋە تەھرىر تۈرمىگە قامالغان . شۇڭا مەزكۇر جەمئىيەت خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.
چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ يى قۇرۇلتايدا يەنە " خىتاي ھۆكۈمىتى، مۇخبىر، يازغۇچى ۋە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە پىكىر بايان قىلغۇچىلارنى قولغا ئالغاندىن سىرت، شەخسى باسما زاۋۇتلارنى تاقاش ئارقىلىق نەشرىيات ئەركىنلىكىنىمۇ بوغماقتا" دېدى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدا كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ياخشى بىر كىتاب چىقىشى بىلەن تەڭ، چوقۇم بۇ كىتاب قايتا تەكشۈرۈلىدىكەن ياكى پېچەتلىنىدىكەن.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېچىلغان بۇ قۇرۇلتايدا تىبەت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىمۇ نەشرىيات ئەركىنلىكى ۋە سۆز قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بۇ رايونلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ ئېغىر ھېسابلىنىدىكەن. " ياۋا كەپتەر" ناملىق نەسرىي مەسەلنىڭ ئاپتورى نۇرمەمەت ياسىن، بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭغا ئوخشاش جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ سانى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ، يازغۇچىلارنىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇللا جامالنى يازغان ئەسەرلىرى تۈپەيلى قولغا ئالغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئاتلارغا بولغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتتى
- قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلەندى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇخبىرلار تۈرلۈك بېسىم ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇق ئېغىر بولماقتا