ئامېرىكا ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ۋە تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئەرمەنلەرگە " ئىرقىي تازىلاش" ئېلىپ بارغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان قارار لايىھىسى ماقۇللىدى. تۈركىيە مەزكۇر قارار لايىھىسىنىڭ ئامېرىكا - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
قارار لاھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەتنى مەجبۇرلاش كۈچى يوق
ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەرمەنلەرگە " ئىرقىي تازىلاش" ئېلىپ بارغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان قارار لايىھىسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا 21 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 27 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىنىپ، ئاۋام پالاتا ئومۇميىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلدى. لېكىن مەزكۇر قارار لايىھىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا ماقۇللانغان ھالەتتىمۇ، بۇ لايىھە بۇش ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە چوقۇم ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك لايىھە ئەمەس.
بۇ قارار لايىھىسى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەرمەنلەر "ئىرقىي تازىلاش" لايىھىسىنى ماقۇللىشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئەرمەنى مۇھاجىرلار، تەشكىلاتلار ۋە دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەرمەنى لوبىسىنىڭ زور غەلىبىسى، دەپ قارالماقتا.
تام لانتوس: " ھېسداشلىقىمىز ئەندىشىمىزنى يېڭىشى كېرەك"
ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوس، ھازىرغا قەدەر ئەرمەنى "ئىرقىي تازىلاش" قارار لايىھىسىنى قوللىماي كېلىۋاتقان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ قېتىم قارار لايىھىسىنى قوللىدى. تام لانتوس، تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى سۆزىدە " بىزنىڭ ئەرمەنى خەلقىغە بىلدۈرمەكچى بولغان ھېسداشلىقىمىز، ئەگەر قارار لايىھىسى ماقۇللانسا ئامېرىكا ئارمىيىسى ھازىر تۆلەۋاتقان بەدەلدىن ئېغىر قۇربان بېرىپ كېتەرمۇ، دەيدىغان ئەندىشىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك " دەيدۇ.
بۇ لايىھە، ئوسمانلىنىڭ ئەرمەنلەرگە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى"ئىرقىي تازىلاش ئەمەس، ئۇرۇش دەۋرىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى " دەپ قارايدىغان تۈركىيىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل چارشەنبە كۈنى قارار لايىھىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، قارار لايىھىسىنى"قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "ئەپسۇسكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتچىلەر كۆپچىلىكنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالماي، مۇھىم نەرسىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئىچكى سىياسەتتىكى كىچىك ھېسابلارغا قۇربان قىلىۋەتتى" دەيدۇ.
بۇش قارار لاھىيىسىگە قارشى تۇردى
تۈركىيە، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىكى بىردىن - بىر مۇسۇلمان ئىتتىپاقدىشى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئامېرىكا قىممەت قارىشىنى قوللايدىغان ئوتتۇرا شەرقتىكى يىگانە مۇسۇلمان دېموكراتىك دۆلەت ۋە ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتىكى ئىتتىپاقچىسى ئىدى. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى پرېزىدېنت بۇش ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس، قارار لايىھىسى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ قارار لايىھىسىنى ماقۇللىشىنى توسىيالمىدى.
پرېزىدېنت بۇش قارار لايىھىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، "بۇ لايىھە تارىخىي قىرغىنچىلىقلارغا قايتۇرۇلغان توغرا ئىنكاس ئەمەس. بۇ لايىھە ئامېرىكا - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن. بۇنىڭ ئالدىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس، قارار لايىھىسى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىتىگە زور قىيىنچىلىقلار ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ھەرىكىتىدە مۇقىمسىز ئامىللارنى پەيدا قىلىدۇ " دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
" ئەرمەنلەر قىرغىنچىلىقى" تالاش تارتىشتىكى تارىخىي تېما
قارار لايىھىسى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئەرمەنى مۇھاجىرلىرىنىڭ ئالقىشى ھەم ئەرمىنىيە پرېزىدېنتى روبېرت كوچىرىياننىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. پرېزىدېنت كوچىريان، "بىز بۇ باسقۇچ ئامېرىكىنىڭ ئىرقىي تازىلاشنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنىڭ باشلانغۇچى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دېدى.
ئوسمانلى دۆلىتى 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا شەرقىي ئاناتولىيىدىكى ئەرمەنلەرگە قارشى "ئىرقىي تازىلاش" ئېلىپ بارغانمىتى، دېگەن مەسىلىدە تارىخچىلارنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكىرى ئوخشاش ئەمەس. ئامېرىكا مىلۋاكىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دوكتور كاندىداتى قىلىچ قانات بۇ توغرىسىدا قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.
بەزى تارىخچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوسمانلىلارنىڭ ئەرمەنىلەرنى شەرقتىكى ئۆلكىلەرگە كۆچۈرۈش ھەرىكىتىدە بىر يېرىم مىليون ئەرمەنى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن تۈركىيىلىك يەنە بەزى تارىخچىلار ئۆلگەن ئەرمەنىلەرنىڭ سانىنى 300 مىڭ ئەتراپىدا، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.
ئامېرىكىنىڭ قارار لاھىيىسى تۈركلەرنى غەزەپلەندۈردى
مەزكۇر لايىھە، شىمالىي ئىراقنى بازا قىلغان كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى ( PKK ) رەھبەرلىكىدىكى كۇرد پارتىزانلىرىنىڭ تۈركىيىدە ھەربىي نىشانلارغا ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن ۋە ئامېرىكا، تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى PKK بازىلىرىغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى قوللىماي، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ئۈندەۋاتقان مەزگىلدە ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتىۋەتتى.
تۈركىيە "ۋەتەن" گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، قارار لايىھىسىنى قوللىغان 27 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسىنى " قاپاقباش ئامېرىكىلىقلار"، دەپ ئەيىپلىسە، "ھۆرىيەت" گېزىتى، قارار لايىھىسىنى "نەپرەت قانۇنى"، دەپ تەنقىد قىلدى. تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ تارىخ يېزىش ياكى باھالاش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بۇ قارار تۈركىيىدە بەزى شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولدى.
تۈركلەر ئەرمەنىلەرنىڭ تۆلەم داۋاسى قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوسمانلى خارابىلىقىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەت بولۇپ، خەلپىلىك تۈزۈمى 1920 - يىللىرى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوسمانلىلارنىڭ 1915 - يىلى ئەرمەنلەرگە "ئىرقىي تازىلاش" ئېلىپ بارغانلىقىنى قەتئىي رەت قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ مەسىلىگە ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلماقتا. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل، ئەگەر ئامېرىكا ئەرمەنى قارار لايىھىسىنى قوبۇل قىلسا، تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە " ئېغىر مەسىلە" تۇغۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە ئەرمەنلەرگە "ئىرقىي تازىلاش" ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىش تۈرك مىللىتىنى " ھاقارەت" قىلغانلىقتۇر.
2006 - يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈركىيىلىك يازغۇچى ئورخان پامۇك،" ئوسمانلى دەۋرىدە بىر مىليون ئەرمەنى ئۆلتۈرۈلدى "دېگەنلىكى ئۈچۈن "ئىمپىريالىستلارنىڭ كۈچۈكى"، دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئامېرىكا مىلۋاكىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قىلىچ قانات، تۈركلەرنىڭ ئەرمەنلەر مەسىلىسىگە ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشتىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈردى. ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى ئەرمەنى"ئىرقىي تازىلاش" لايىھىسىگە قارشى بىلەت تاشلىغان ئەزالار، قارار لايىھىسى ئامېرىكىنىڭ ئۆز بۇرنىنى ئۆزى كەسكەنلىك بىلەن باراۋەر، دەپ قارشى تۇردى. جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دەن بۇرتون،" تۈركىيە 50 يىلدىن بېرى بىزنىڭ رايوندىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشىمىز بولۇپ كەلدى. مەن نېمە ئۈچۈن ئۆز بۇرنىمىزنى ئۆزىمىز كېسىدىغانلىقىمىزنى ياكى ئۆز پۇتىمىزغا ئۆزىمىز ئوق ئاتىدىغانلىقىمىزنى چۈشەنمىدىم " دەيدۇ. (ئەركىن)