تيەنئەنمېندىكى ئەرزىيەتچىلەرنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى


2005.04.28

"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 ئەتراپىدا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بېيجىڭگە ئەرز قىلغىلى كەلگەن دەردمەن خەلقتىن 400 دىن ئارتۇق ئادەم ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىن بېيجىڭنىڭ چاڭئەن كوچىسىغا كېلىپ توپلانغان.

ئەرزىيەت قىلغۇچىلار قولغا ئېلىنغان

نەق مەيداندىن تارتىلغان فوتو سۆرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاياللار ئۈستىگە "كىشىلىك ھۇقۇقىمىزنى قايتۇرۇپ بەرسۇن" دېگەن خەتلەر يېزىلغان پەشتاما كېيگەن. ئەرلەر ھەرخىل بەلگىلەرنى تاقىغان. ئۇلار سەپ تۈزگەندە قولىدىكى بەلگىلەر پىلاكات بولۇپ كۆرىنىدۇ. ئۇلار تيەنئەنمېن مەيدانىدا نامايىش قىلماقچى بولغان. بۇ نامايىشچىلار شەرقىي چاڭئەن كوچىسىغا كەلگەندە كوممۇنىست ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قورشىۋېلىنغان. ساقچىلار يوللارنى توسۇپ، نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغان، 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ ئاپتوموبىللارغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 4 - ئاينىڭ 20 كۈنىدىمۇ، كىشىلەر "مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىدائىرسى" دېگەن ئورگانغا بارغاندا، غەزەپگە چىدىماي "خەلقنىڭ ئەرزىنى ئاڭلاش-كۈتىۋېلىش ئىشخانىسى" دەپ خەت يېزىلغان ۋىۋىسكىنى تارتىپ چۈشۈرىۋەتكەن كىشىلەرنى ساقچىلار ئۇرغان. "بۇ ۋېۋىسكا خەلققە قىلىنغان ئالدامچىلىق" دېگەن كىشىلەرنىمۇ ئۇرغان ئىكەن.

4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا نامايىش قىلماقچى بولغان ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرى تېلېفون قىلىپ رادىئومىزنىڭ مۇخبىرى لىندىغا سۆزلەپ بېرىشىچە، بېيجىڭدىكى ئەرزىيەتچىلەر دۇنيانىڭ ئۇلارنىڭ ھازىرقى مۈشكۈل ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

"يىغىۋېلىش ئورنى"

تيەنجىندىن بېيجىڭگە كەلگەن بىر ئەر كىشىنىڭ مۇخبىرىمىزنى تېلېفون ئارقىلىق چاقىرىپ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ خىيانەچلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يۇقۇرىغا ئەرز قىلىۋاتقىلى 3 يىل بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇششىنى قامدايغان مەنبەئەدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇنىڭ باھا بېرىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بەزى رەھبەرلىرى باندىتنىڭ ئۆزى. ئۇ بۇ قېتىم يەنە ئەرز ئېيتقىلى بېيجىڭگە كەلگەندە، ساقچىلار تۇتىۋېلىپ مۇشۇ "يىغىۋېلىش ئورنى" غا ئەكىلىپ قويغان. بۇ كىشىنى فۇيۇجې كوچىسىدىن تۇتۇپ كەلگەن. ساقچىلار بۇ جايدا خالىغان ۋاقىتتا "تازىلاش" ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ قېتىم ھۆكۈمەت "1 - ماي كۈنى"دىن ئېھتىيات قىلغان. تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ رەئىسى ليەنجەننىڭ كەلگەنلىكىمۇ سەزگۈر مەسىلە بولسا كېرەك. ھازىر "ماجالۇ ئەرزىيەت مەھەللىسى" دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇننى كىشىلەر "يىغىۋلىش ئورنى"، "تۇتۇپ كېتىش ئورنى" ياكى "ئۆز يۇرتىدىكى ساقچىلارغا تۇتۇپ بېرىش ئورنى" دەپ ئاتايدۇ. بۇ جايدا 1000 دىن ئارتۇق ئادەم بار. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساقچىلار تۇتۇپ مۇشۇ جايغا ئەكىلىپ قويغا كىشىلەر. بۇ جايدا ئادەم ياتىدىغان چوڭ ياتاقلار بار. ئەمما بۈگۈن ياتاق يېتىشمىگەنلىكتىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ھويلىدا ئولتۇرۇشقان.

مۇخبىرىمىز تېلېفون ئارقىلق زىيارەت قىلغان ۋاقىت كېچە سائەت 3 ئەتراپىدا بولسىمۇ، كىشىلەر تېخىچە ئۇخلىمىغان. سالامەتلىكى ياخشى ئەمەسلەر ئۆزىگە بىر جاي تېپىپ ياتقان. ئەمما تولىسى ئۆز- ئارا دەرت تۆكىشىپ ئولتۇرغان. بەزىلەر ئۆزلىرى يېزىپ ئاھاڭغا سالغان "خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش" ناخشىسىنى ئېيتىۋاتقان.

خەلقنىڭ زارى

بۇ ناخشىدا ھەي خىيانەتچى ئەمەلدارلار، سەنلەر خەلقنى زار-زار قاقشاتتىڭ، دەرتمەنلەر ئايىغى ئۈزۈلمەي تيەنئەنمېنگە كەلمەكتە. ھەي خىيانەتچىلەر، سەنلەر خەلقنى خانىۋەيران قىلدىڭ، غەزىنىنى سەنلەر قۇرۇتتىڭ، ئەرلەرنى قاراڭغۇ جەمىيەتكە، ئاياللارنى سەرسانلىققا باشلىدىڭ. ھەي خىيانەتچى، سەنلەر خەلققە ئاپەت ياغدۇردىڭ... دېيىلگەن.

ناخشا ئېيتقان ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىلوڭجاڭدىن، ئۆزى شەخسى تىجارەتچى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنى مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئەرزىنى سورىمىغان. ساقچىلار بۆگۈن بۇ ئايالنى پارتىيە مەركىزىي كومىئېتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىن تۇتۇپ مۇشۇ جايغا ئەكەلگەن. بۇ جايغا ئەكىلىپ قويغان كىشىلەرنى، ساقچىلار بۇ جايدىن خالىسا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا ئەۋەتىدۇ، خالىسا بىۋاستە قولغا ئېلىپ كېتىدۇ، خالىسا ئۇرۇپ زەربە بېرىدۇ.

بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار "كوممۇنىست پارتىيىنى يوقىتىمىز" دېگەن گەپنىمۇ تېخى قىلمىغان، ئۇلار "خىيانەتچىلەرنى جازالايلى" دېسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى چەكلىگەن.

مۇخبىرىمىز ئەرزىيەتچىلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا ئاللىقاچان سائەت 4 بولۇپ، تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىت بولسىمۇ، ئەرزىيەتچىلەر تېخى ھەممسى ئۇخلىمىغان.

بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، دەرتمەنلەر تېخىچە ئۇخلىماي ئۆز ئارا دەرت تۆكۈشمەكتە. ئەمىلىيەتتە، ياتىدىغان جاي يوق، مۇشۇ سوغۇق كۈندە ھويلىدا ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇشقان. بەزىلەر داق يەردىلا ئولتۇرغان.

بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھازىر ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ، ئەندىشىسىمۇ يوق، بەرىبىز جانغا تويغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر سىرتتا بىر نەچچە ئون ئاپتوموبىل تۇرىدۇ، ئۇ ساقچى، توپىلاڭنى باستۇرۇش ئەترىتى دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق خادەملىرىنىڭ ئادەم تۇتۇش جابدۇقلىرى.

بىركىشى مۇخبىرىمىزغا مىنىڭ ئاۋازىمنى بېرىۋىرىڭ، مەندە تارتىشىدىغان نەرسە يوق، لىندى سىزگە رەخمەت، دېگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.