ئەرزدار تۇرسۇنگۈل: ئۇلار پۇقرالار ئۈچۈن ئىشلىمەيدۇ، ئەمما قىلمىشىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىدىن قورقىدۇ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېيجىڭ ھەم ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئەرزدارلار مەسىلىسىنى يەرلىكتە ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر خىل قاتتىق يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا زورلىغان ياكى مەجبۇرى ئېلىپ كېتىپ تۈرمىلەرگە سولىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەرزدارلار ئۆز ئىرادىسىدىن يانمىغان. ئۇنداقتا بۇ ئەرزدارلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە بېسىم، قورقۇتۇش، تەھدىتلەرگە قارىماي ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ؟ ھەم ئۆز بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلايدۇ؟
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.09.07
Beyningdiki-erzdarlar-305.jpg خىتاي كوممۇنىست خەلق قۇرۇلتىيى يېپىلىش مەزگىلىدە، ئەرزدارلار سوت مەھكىمىسى ئالدىدا. 2011-يىلى 19-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
www.boxun.com


2003 - يىلى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس بۇلاش ۋەقەسىدە تۇغقانلىرى قازاغا يولۇققان ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مەزگىللىك ئەرز قىلىش نەتىجىسىدە، يېقىندا ھەر بىر ئائىلە 200 مىڭ يۈەندىن تۆلەم پۇلغا ئېرىشكەن.

ئەمما ۋەقەدە ئەرلىرى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا «ياردەم پۇلى» نامىدا بېرىلگەن بۇ پۇل، 2003 - يىلىدىكى ئاپتوبۇس قازاسىدا ئۆلگەن خىتاي سودىگەرلىرى ئائىلىسىگە بېرىلگەن 400 مىڭ يۈەنلىك تۆلەم پۇلىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر. شۇنداقلا يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان خىتايدا پۇل پاخاللىشىش نىسبىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى بىلەن، ئۇزۇن يىللىق ئەرز قىلىش نەتىجىسىدە بېرىلگەن بۇ پۇل ئەينى يىللىرىدىكى قىممىتىدىن كۆپ تۆۋەن بولغان. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەر بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىمۇ ئورۇنلانمىغان.

شۇ قېتىمقى ئاپتوبۇس قازاسىدا ئېرىدىن ئايرىلىپ ئۇششاق بالىلىرى بىلەن تۇل قالغاندىن كېيىن، مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان تۇرسۇنگۈل خانىم، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدە قازاغا يولۇققان خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئوخشىمىغان سىياسىتى ۋە ئادالەتسىز مۇئامىلىسىنىڭ ئۆزىگە ئەينى يىلى يۈز بەرگەن مۇسىبەتتىنمۇ ئېغىر كەلگىنىنى بىلدۈردى.

تۇرسۇنگۈل خانىم يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا بېرىپ ئەرز قىلغىنىدىن باشقا، ئەرزدارلارنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۇرسۇنگۈل خانىم بايانىدا، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان ئەمما دەردىنى ئېيتىدىغان جاي تاپالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بىلىدىغان قەشقەر ھەم ئاتۇش تەۋەسىدە نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىم ھەم ناھەقچىلىكلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.