يېڭى يىل كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ئادەم بېيجىڭدا قولغا ئېلىندى
2007.01.02
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى يىل كۈنى، ياققا يۇتلاردىن بېيجىڭغا كېلىپ شى جىنسەن ۋە تيەنئەنمىن ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغان نەچچە يۈزلىگەن ئەرزى قىلغۇچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
خەۋەدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچىلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپلا ئەرز قىلغۇچىلار تۇرۇشلۇق جايلارغا بېرىپ، نازارەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن. شۇنداقتىمۇ، ئەرز قىلغۇچىلار شى جىنسەن ۋە تيەنئەنمىن ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. لېكىن نامايىش باشلىنا-باشلانمايلا، ئالدىن خەۋەردار بولغان ساقچىلار، نامايىشچىلارنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك قولغا ئېلىپ مەخسۇس ئەرز قىلغۇچىلارنى سولاپ قويىدىغان ماجيا لۇغا ئاپىرىپ قاماپ قويغان. ساقچىلارنىڭ ئادەم تۇتۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرگەن بىر قىسىم ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەرز قىلغۇچىلار قېچىپ كەتكەن.
نامايىشتىن بۇرۇنقى تۇتقۇن
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭدىكى ئەرز قىلغۇچى دۇمىڭرۇڭ يېڭى يىل كۈنى ئەتىگەندە، نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغانلار تيەنئەنمىن مەيدانىغا بېرىپ نامايىش ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغاندا، ئالدىن تەييارلىق قىلىپ تۇرغان ساقچىلارغا يولۇقۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، "بىز تيەن ئەن مىن مەيدانىغا كىرىشتە، تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ كىرمەكچى بولغان. ئەتىگەن سائەت 8 بولىشى بىلەنلا بىرىنچى گۇرۇپپا كىرىپ كەتكەن، لېكىن ئۇلار تېخى دۆلەت بايرىقىنىڭ ئالدىغا بارماي تۇرۇپلا، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ئىككىنچى گۇرۇپپا تېخى ماشىنىدىن چۈشمەي تۇرۇپلا توسۇۋېلىنغان. بۇنى كۆرگەن 3 - گۇرۇپپىسىدىكىلەر، يەر ئاستى كارىدور ئارقىلىق ماڭماقچى بولغان. لېكىن ئۇلار تېخى خەلق يىغىن زالىغا يېقىنلاشماي تۇرۇپلا، ساقچى ماشىنىسى كېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسىغان ۋە ئادەم تۇتۇشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن، بىر ئامال قىلىپ قېچىپ كەتكەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىر دەمنىڭ ئىچىدە 200 دىن ئارتۇق ئادەم قولغان ئېلىندى"، دېدى.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇ مىڭرۇڭ سۆزىدە يەنە، يېڭى يىل كۈنى ئەتتىگەندە، شى جىنسەن ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغان بىر قىسىم ئەرز قىلغۇچىلارنىڭمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بېيجىڭ ئۆزىدىكى مەلۇم بىر ئەرز قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى لېكىن ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى مەلۇم قىلماي پەقەت ئۇلارغا نامايىش قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ يول خەرىتىسىنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يېڭى يىل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەر ئەتراپىدا، ساقچىلار تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن جۇ فامىلىلىك بىر ئەرز قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئەتتىگەن سائەت 9 بولمايلا شى جىنسەن ئەتراپىدا، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ، "ساقچىلار بىزنى تۇتۇپ ئاپىرىپ، كىملىك كىنىشكىلىرىمىزنى تەكشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر - بىرلەپ سوراق قىلدى ھەمدە بىزگە ‘فالۇنگۇڭچىلار’ دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ، قاتتىق سۈرۈشتە قىلدى" دەپ بىلدۈردى.
ئەرزدارلار بېسىم ئاستىدا قالغان
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ شىن جيېكۇ رايونىدا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نى يۈلەن، يىڭى يىل ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئۆي -زىمىن شىركىتى تەرىپىدىن يېزىلغان بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ "ئۇلار يېڭى يىلدىن كېيىنلا مەن تۇرىۋاتقان ئۆينى قاقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە 1 - چىسلادىن بۇرۇن چېقىش ئوقتۇرۇشنى ئەۋەتىمىز دېگەن، ئۇلار ئۆي چېقىش ھەققىدە ھېچقانداق شەرت -نامىلارنى قويماستىنلا، مەجبۇرى چاقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە ھازىرچە تېخى رەسمىي ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولساممۇ، مەن ئىشىنىمەنكى ئۇلارنىڭ بۇ خىل لۈكچەك خاراكتېرلىق مىجەزىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەرقانداق بالا كېلىدۇ " دەپ بىلدۈردى:
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇندىن ئىلگىرى ۋېنجياباۋ بىلەن كۆرۈشكەن ئىككى نەپەر ئەرز قىلغۇچى ئىنتايىن قاتتىق بېسىم ئاستىدا قالغان. داۋاملىق رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان ۋۇ تيەنلىمۇ يېقىندىن بۇيان رادىئو زىيارىتىمىزنى رەت قىلىشقا باشلىدى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يېڭى يىل كۈنى بېيجىڭدا، نەچچە يۈزلىگەن ئادەم قولغا ئېلىندى
- 3 نەپەر ئەرزدار خىتاي سوتى تەرىپىدىن جازاغا تارتىلدى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى داۋاگەرلەر قولغا ئېلىنماقتا
- بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا، ھەربى ھالەت ئېلىپ بېرىلماقتا
- بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسىدە ئەرزدارلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلمەكتە