شاڭخەيلىك ئەرز قىلغۇچى ئۆلگەندىن كېيىن، ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشمەكتە
2007.01.11
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 2 - يانۋار كۈنى شاڭخەيلىك دەۋاگەر دۈەن خۈيمىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن بۇيانقى 9 كۈندىن بېرى، مەيلى دۈەن خۈيمىننى تونۇغان ياكى تونۇمىغانلار بولسۇن، نۇرغۇنلىغان شاڭخەيلىك داۋاگەرلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ماتەم بىلدۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۈەن خۈيمىننىڭ ئۆيى ئالدىغا يىغىلغان ساقچىلار سانىمۇ ھەسسىلەپ كۆپىيىشكە باشلىغان. ساقچىلار ماتەم تۇتۇشقا كەلگەنلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنى ئۇرۇپ، قوللىرىدىكى گۈلچەمبىرەكلەرنى يەرلەرگە ئېتىپ، ئۇلارنى ساقچى ماشىنىسىغا بېسىپ تۇتۇپ كەتمەكتە.
ماتەم تۇتۇشمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان
چارشەنبە كۈنى، دۈەن خۈيمىننىڭ سىڭلىسى دۈەن چۇنفاڭنىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، 5 - يانۋار كۈنى ساقچىلار ماتەمگە كەلگەنلەرنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەكىلىۋاتقان گۈلچەمبىرەكلىرىدىن 39 نى تارتىۋېلىپ بۇزۇۋەتكەن. ھەتتا ئۆي ئىچىدە تىزىقلىق تۇرغان گۈل ۋە گۈل چەمبىرەك، تەزىيە بىلدۈرۈش خەتلىرىنىمۇ يىغىشتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن.
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى ئەتتىگەندىن باشلاپلا، نۇرغۇنلىغان ساقچىلار شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىغا يىغىلغان شىكايەت قىلغۇچىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىشقا باشلىغان. چۈش مەزگىلىدە، دەۋاگەرلەر 4 تىن 5 تىن بولۇپ، خەلق ھۆكۈمىتىگە يېقىن بولغان دۈەن خۈيمىننىڭ ئۆيىگە قاراپ تەزىيە بىلدۈرۈشكە ماڭغان. دۈەن خۈيمىننىڭ ئىشىك ئالدىغا يىغىلغان ئادەمنىڭ كۆپلىگىنى كۆرگەن يەرلىك ھۆكۈمەت، ساقچى ئەۋەتىش ئارقىلىق، رەسمىي ھەركەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. مەسىلەن، ساقچىلار بىر تەرەپتىن خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى تەزىيە بىلدۈرۈشكە ماڭماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئالدىنى توسۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن دۈەن خۈيمىننىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ نەق مەيداندىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى تۇتۇپ كەتكەن.
ھازىردارلار ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە
دۈەن خۈيمىننىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئىشىك ئالدىغا يىغىلغان ساقچىلارنىڭ سانى 300 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار ئاز دېگەندە 200 دىن كۆپ ئادەمنى تۇتۇپ كەتكەن. دۈەن خۈيمىننىڭ سىڭلىسى دۈەن خۈيفاڭنىڭ چارشەنبە كۈنى كەچتە رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، 300دىن ئارتۇق ساقچى ئارىسىدا، ساقچى فورمىسى كىيگەن قۇراللىق ساقچىلاردىن باشقا پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىلارمۇ نۇرغۇن ئىكەن، ئۇلار دۈەن خۈيمىننىڭ ئۆيى ئەتراپىدىلا ئەمەس، بەلكى يېقىن ئارىدىكى بىنا - ئۆيلەرنىمۇ ئاختۇرۇپ، داۋاگەرلەرنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىكەن:
"بۈگۈن چۈشتە يېتىپ كەلگەن ساقچىلارنىڭ ئۆزىلا 300 غا يەتتى. ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان ھەم قوراللىق ئىدى. يەنە بىر قىسىملىرى پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىلار بولۇپ، ئۇلار بەكمۇ قوپال، بەكمۇ ۋەھشى. مەن ئۆي ئىچىدە ئىدىم. تۇيۇقسىز سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم. دېرىزىدىن قارىسام، ئىشىك ئالدىدا ئاكامغا ماتەم تۇتۇۋاتقانلار نۇرغۇن ئىدى. ساقچىلار ئۇ باشتىن، بۇ باشقىچە بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئەرز قىلغۇچىلارنى تۇتۇپ، ماشىنىغا بېسىپ ئەكىتىۋاتاتتى. بىر قىسىم دەۋاگەرلەر ساقچىلاردىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئۆيگە كىرىپ مۆكۈۋالماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ساقچىلار پەقەت بىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىدىلا ئەمەس، بەلكى بۇ رايوندىكى ھەربىر بىنالارنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئادەم تۇتۇپ يۈرگەن ئىكەن. كۆپلىگەن كىشىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، خۇئاڭ پۇجاڭ رايونىدىكى بىر مەكتەپكە ئاپىرىپ قاماپ قويۇلغان. كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار 200دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ كەتكەن".
چارشەنبە كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، كەچ سائەت 8 دە ئاران قويۇپ بېرىلگەن شىن يۇڭمېينىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ساقچىلار ئۇنى دۈەن خۈيمىننىڭ ئۆيىدىن تاماق يەۋاتقان چېغىدا تۇتۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇتۇلغان يەنە 3 ئادەم بولۇپ، ساقچىلار ئۇلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قاماپ قويغان. ساقچىلار شىن يۈڭمېينى ئايرىم سوراق قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ، ئۇنى قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان. شىن يۇڭمېي ئىمزا قويۇشقا ئۇنىماي ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغىنىدا، ساقچىلار خاتىرە دەپتىرىگە ئۆزى قول قويغان. ساقچىلار يەنە شېن يۇڭمېينى شۇئار توۋلاشقا يېتەكچىلىك قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن.
دۈەن خۈيمىننىڭ سىڭلىسى دەن چۈنفاڭنىڭ ئېيتىشىچە: ماتەم بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان داۋاگەرلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى دۈەننىڭ ئۆيىنى بىلمەيدىغانلار ئىكەن. ئۇلار دۈەن خۈيمىننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ساقچىلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە دۈەن ئائىلىسىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىكىدىن ھال ساراپ كەلگەنلەر ئىكەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەيلىك دەۋاگەر بېيجىڭدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى
- يېڭى يىل كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ئادەم بېيجىڭدا قولغا ئېلىندى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى داۋاگەرلەر قولغا ئېلىنماقتا
- بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا، ھەربى ھالەت ئېلىپ بېرىلماقتا
- بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسىدە ئەرزدارلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلمەكتە
- شاڭخەي پارتكوم سېكرېتارىنىڭ خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قېلىش دىلوسى كېڭەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرمەكتە
- تيەنئەنمىن مەيدانىدا، ئەرز قىلغۇچى ئۆز قارنىنى يېرىپ ئۆلۈۋېلىشكە ئۇرۇندى
- خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى كوفى ئاننانغا خەت يازدى
- خىتايدىكى قانۇن - تۈزۈمنىڭ يېتەرسىزلىكى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ مۇقىمسىزلىقنى پەيدا قىلماقتا
- سەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن خەلق ۋەكىللىرى تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەكلىپ
- ئىككى چوڭ يىغىننىڭ سىرتىدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھەرخىل نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا