ئۇيغۇر ئەرزدار نۇرۇنگۈل پوخۇرلۇق قىلغان خىتاينىڭ ئەدىپىنى بەردى

نۇرۇنگۈل خانىم پوخۇرلۇق قىلغان خىتاينى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرلاپ ۋە بېيجىڭ ساقچىلىرىدىن بۇ خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆز غۇرۇرىنى قوغداش يولىدا جاسارىتىنى كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-05-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئەرزدار نۇرۇنگۈل توختى بالىسى بىلەن. 2012-يىلى ماي، بېيجىڭ.
ئۇيغۇر ئەرزدار نۇرۇنگۈل توختى بالىسى بىلەن. 2012-يىلى ماي، بېيجىڭ.
RFA/Shohret Hoshur

بولۇپمۇ بېيجىڭغا كەلگەن ئايال ئەرزدارلار يۇقىرىقى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا، ئۆز ئار-نومۇسى ھەم غۇرۇرىنى قوغداشتا تېخىمۇ زور غەيرەت ھەم قەھرىمانلىقىنى نامايان قىلماقتا. بېيجىڭدىكى ئەرزدار نۇرۇنگۈل خانىمنىڭ پوخۇرلۇق قىلغان خىتاينى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرلاپ، بېيجىڭ ساقچىلىرىدىن بۇ خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن جاسارىتى بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار ئارىسىدا «ئۆز غۇرۇرىنى قوغداش يولىدىكى قەھرىمانلىق» دەپ تەرىپلەنمەكتە.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئارىسىدا نۇرۇنگۈلنىڭ ئۆز غۇرۇرىنى قوغداش يولىدا، پوخۇرلۇق قىلغان خىتاينىڭ ئەدىپىنى بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايە تارقالغان. رادىئومىز بۇ ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن، نۇرۇنگۈل خانىمغا تېلېفون قىلدۇق.

شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەنى بايان قىلغان نۇرۇنگۈل خانىم، بېيجىڭدا ئەرز قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ساقچىلارنىڭ قوغلاپ تۇتۇشىدىن ساقلىنىش ھەم بېيجىڭدىكى مېھمانخانىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ياتاق ئېلىشى قىيىن بولغان شارائىتتا، بىر كېچىلىكى 10 يۈەن ئەتراپىدىكى نەچچە ئون ئادەم بىر ئۆيدە قىسىلىپ ياتىدىغان ئەرزان باھالىق ئائىلىۋى مېھمانخانىلاردا يېتىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق مېھمانخانىلاردا يېتىشتا ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

نۇرۇنگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا پوخۇرلۇق قىلغان خىتاي دەسلەپ ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشنى خالىمىغان. ئەمما، نۇرۇنگۈلنىڭ كۆكتات ئاقلايدىغان پىچاقنى ئۇنىڭ گېلىگە تەڭلەپ، ئۇنى ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرلىشى نەتىجىسىدە بۇ خىتاي ھەم ئۇنىڭ ئاكىسى نۇرۇنگۈلنىڭ ئالدىدا تىز چۆكۈپ گۇناھىنى تىلىگەن. بىر ياتاقتىكى باشقا خىتاي ئەرزدارلار ئاۋۋال بۇ ئاكا-ئۇكا خىتايلارغا بولۇشۇپ، نۇرۇنگۈلنىڭ ساقچى چاقىرىش تەلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن نۇرۇنگۈلنىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ خىتاينى ئەيىبلەپ، ۋەقەنى بېسىقتۇرۇشقا تىرىشقان. ئۇلار يەنە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن ساقچىلارغا تېلېفون ئارقىلىق ياتاقنىڭ توغرا ئادرېسىنى ئېيتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

نۇرۇڭۇل خانىم يەنە ئۆزىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە نەچچە ئون يىل تىرىكچىلىك قىلىش جەريانىدىكى كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ، بىر ئايال ھەم يېنىدا بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ياشاشقا مەجبۇرى بولغان ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت يېنىدىن پىچاق ياكى بەكە قاتارلىقلارنى ئايرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرۇنگۈل خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كېچىسى، نۇرۇنگۈلگە قوشنا بولغان ياتاقتا ياتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر يىگىتىمۇ كېچىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نۇرۇنگۈل بار ياتاققا كىرىپ ئۇنىڭغا مەدەتكار بولغان.

بۇ ئىككى يىگىتىنىڭ بىر ئۆزىنى ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسىدىن دەپ تونۇشتۇردى. بۇ ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرى ئارىسىدا نۇرۇنگۈلنىڭ ئۇنى بوزەك قىلماقچى بولغان خىتاينىڭ ئەدىپىنى بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرۇنگۈلنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرۇنگۈل خانىمنىڭ ئۆزىگە پوخۇرلۇق قىلغان خىتاينى ئەدەپلىشى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى غۇرۇرلاندۇرغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان، ساقچىخانىدا نۇرۇنگۈلگە ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭغا قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزگەن كۇچالىق ئۇيغۇر يىگىتى نۇرۇنگۈل خانىمغا بولغان ھۆرمىتى ھەم قايىللىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ھەر بىر ئۇيغۇر ئەركەكنىڭ ئۇيغۇر بولۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ھەمشىرىسى ھەم مىللەتنىڭ ئانىلىرى بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت