ئەرزدارلار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئۇلارنى بېيجىڭغا بارغۇزماسلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىككى ئايدىن بۇيان ئاقسۇ يەرلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ قايتىدىن بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەرزدارلارنى كېچە‏-كۈندۈز نازارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.03.22
nurungul-toxti-balisi رەسىمدە نۇرۇنگۈل توختى 9 ياشلىق ئوغلى بىلەن. 2011-يىلى 25-دېكابىر، بېيجىڭ.
RFA/Shohret Hoshur

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-مارتتىن 15-مارتقا قەدەر بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ھەم خىتاي سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئالدى كەينىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەردىكى ئەرزدارلارنىڭ ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللانغان.

رادىئومىز ئاقسۇدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان قاتارلىق ناھىيىلىرىدە ئىلگىرى ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان ئەرزدارلار نازارەت ئوبيېكتى قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاقسۇ تەۋەسىدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمىغان.

ئاقسۇدىكى ئەرزدارلاردىن نۇرۇنگۈل، ئەمەت قاسىم قاتارلىق ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قېتىم ئۇلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ساقچى ھەم ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرىنى ئاجرىتىپ، ئۇلارنى مەخسۇس بەلگىلەنگەن مېھمانخانا ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

نۇرۇنگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنى نازارەت قىلغۇچى ساقچى خادىملىرى ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى نۇرۇنگۈلنىڭ ئەرزىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئۇنى نازارەت قىلىپ، بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن.

نۇرۇنگۈل خانىم ئۆز بايانىدا، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سۆھبەتلىشىش، ئالداش ھەتتا تەھدىت ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئۇنى ئەرز قىلىشتىن ۋاز كەچۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ شۇنچە جىق ئادەم كۈچى، مەبلەغ ھەم ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇنى ئۆز يېزىسىدا تۇتۇپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ ئەرزىنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئادالەت يېرىنى تاپمىغۇچە ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

12 يىلدىن بۇيان ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەمەت قاسىم، بۇ قېتىم دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ قايتا ئەرز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مېھمانخانىغا 53 كۈن سولاپ قويغانلىقىنى، ئۈچ كۈندىن بۇيان ئۆزىنىڭ بۇ خىل نەزەربەندكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ ئۇدا ئۈچ كۈن ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك، بۈگۈن يەنى 22-مارت كۈنى ئەتىگەن ئۆيىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھويلىسى ئەتراپىدا يەنىلا 4-5 نەپەر ساقچى ھەم يېزىنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىملىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئاقسۇدىكى يەرلىك دائىرىلەر يەنە بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، بۇخەلچەم، مەرەمنىساخان، ياسىن قۇربان، ئانارگۈل قاتارلىق ئەرزدارلارنىمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشىغا يول قويمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.