"خەلقنىڭ ۋەكىللىرى" يىغىن ئاچسىلا، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى خەلقنى باستۇرامدۇ؟

06cpc-police-200.jpg
2-مارت كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا بىر ئايال ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغاندىن كېيىن ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىلگەن. AFP

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ چوڭ يىغىنى جۈمە كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدە ئالدى بىلەن باشلانغان. سەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ليۇ ئەپەندىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ يىغىندا 'سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش' دەپ ئاتالغان دۆلەت سىياسىتى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

تەيۋەن مەسىلىسى بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىننىڭ بىر مۇھىم نوقتىسى

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايدا چىرىكلىك ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا، بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، مەسىلەن: يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 400 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئەمما شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولۇشتەك بۇنداق ناھايىتى چوڭ پەرق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يېزىلاردا غەزەپلىك قارشىلىقلار كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىندا دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى قوغداش، مەجبۇرىي سېلىقلاردىن خالى قىلىش ، مائارىپ، داۋالىنىش ساھەلىرىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە قوللىنىدىغان تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتايدا بۇلتۇر مۇشۇنداق ئىككى چوڭ يىغىندا 'دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى' دېگەن بىر قانۇن ماقۇللانغان ئىدى. بۇ يىل بېيجىڭدا يەنە ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى بىكار قىلىش' قارارنى جاكارلاپ جىددىي مۇنازىرە قوزغىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەيۋەننىڭ ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشىنى ۋە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنى توساش ‏- خىتاينىڭ ھازىر قىلىدىغان جىددىي ئىشى بولۇپ قالدى. بۇمۇ بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىننىڭ بىر مۇھىم نوختىسى.

يىغىننى "قوغداش" قا 10 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى سەپەرۋەر قىلىنغان

'خەلقئارا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى' (UPI ) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى يېقىندىن بۇيان بېيجىڭدا، بولۇپمۇ تيەنئەنمېن مەيدانىدا جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'ئالما گېزىتى' خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرلىقى بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىننى قوغداش ئۈچۈن 10 مىڭدىن ئارتۇق ساقچىنى سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرلىقى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۈخۇ 'خەلقنىڭ ۋەكىللىرى' يىغىن ئاچسىلا، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى خەلقنى باستۇرامدۇ؟ دېگەن سۇئالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن 'بۇ قېتىم ساقچىلارنىڭ ھېچقانداق قاراتمىلىقى يوق، مەخسۇس يۇقىرىغا ئەرز ئېيتىپ كەلگەن كىشىلەرگە قارىتىلغان ياكى باشقا مەلۇم بىر خىل ئەھۋالغا قارىتىلغان ئەمەس، پەقەت جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈنلا' دەپ چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە خىتاي ساقچىلىرى بۇرۇنقىدەكلا بېيجىڭغا دەرد ئېيتقىلى كېلىدىغان دۆلەت پۇقرالىرىنى چەكلەش، سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، 16 ‏- نۆۋەتلىك كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4 ‏- ئومۇمي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، خىتاي ساقچىلىرى مەركەزگە دەرد ئېيتقىلى كەلگەن پۇقرالاردىن 36 مىڭ كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىن ھارپىسىدا، خىتاي ساقچىلىرى يەنىلا بېيجىڭ شەھىرى ئىچىدە نامرات چىراي كۆرۈنگەنلىكى ئادەم بولسا تۇتۇپ شىجىڭسەن تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ يەر ئاستى قەۋىتىگە سولاشقا باشلىغان. مۇشۇ ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، سىياسىي ئۆكتىچى زىيالىي ليۇشاۋبو، جاڭ زۇخۇالارنىڭ تۇرالغۇسى نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى چەكلەنگەن. سىياسىي پائالىيەتچى خۇجيا قاتارلىق كىشىلەر بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇنلا ئىز-دېرەكسىز يوقالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى چىقارغان بەلگىلىمىلەرگە ئۆزى خىلاپلىق قىلماقتا

'ئەمگەكچىلەر خەۋىرى' ژۇرنىلىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق خادىمى سەي چۇڭگونىڭ ب ب س مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى جىددىي كرىزىس ئىچىدە تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 'ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش' دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئىشچىلارغا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھېچقايسىدا تۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باشتىن ئاخىر ئۆزىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن 'ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ" دېگەن باش پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەر بىلەن كاپىتالىستلار ئوتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسىدە ھۆكۈمەتكە ياكى كاپىتالىستلارغا ياردەملىشىپ خەلقنىڭ غەزىپىنى باستۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن خەلق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئىشچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغان ئۇيۇشما، خۇشامەتچى، چوماقچى دەپ مەسخىرە قىلىدۇ. بۇ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتايدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرىدىن-بىر چىقىش يولى يالغانچىلىقتىن ئۆزىنى ئازات قىلىشتىن ئىبارەت. (ۋەلى)