ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئەرزىنىڭ قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بۇيىچە ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا

يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنىپ، بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشتىن توسۇپ قېلىنغان نۇرۇنگۈل ھەم ئەمەت قاسىم قاتارلىق ئەرزدارلار، خىتايدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە، يەرلىك دائىرىلەردىن ئەرزىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-03-23
Share
erzdar-boway-305.jpg بىر ئوغلى مەلۇم بىر خىتاي تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر بوۋاي، قاتىل قولغا ئىلىنىپ ئۇزۇن مەزگىل ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 9 يىلدىن ئارتۇق ئەرز قىلغان. 2009-يىلى 23 ئاپرېل.
RFA

53 كۈنلۈك نەزەربەندتىن كېيىن، ئاچلىق ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆيىگە قايتۇرۇلۇپ ئۆز ئۆيىدە نازارەت قىلىنىۋاتقان ئەمەت قاسىم ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا داۋاملىق نەزەربەند قىلىنىۋاتقان نۇرۇنگۈل خانىملار، ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي تەلىپى خىتايدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە ئادىل ھەل قىلىنغانغا قەدەر ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئاقسۇ دائىرىلىرى ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارماسلىقى ئۈچۈن ئاقسۇ دائىرىسىدىكى ئىلگىرى بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلغان ئەرزدارلارنى نازارەت ئاستىغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى نەزەربەند قىلىش جەريانىدا تەن جازاسى قاتارلىق زورلۇق ۋاستىلىرىنى قوللانمىغان. ئاساسلىقى تەلىم - تەربىيە بېرىش نامىدىكى روھى جەھەتتىن بېسىم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.

نۇرۇنگۈل خانىم ھەم ئەمەت قاسىم قاتارلىق ئەرزدارلار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەرز قىلىش نىيىتىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا قارىتا، نەسىھەت قىلىش، ئالداش، پوپوزا قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرۇنگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك يەرلىك دائىرىلەر ئۇنى بېيجىڭدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەندىن كېيىن، ئۇنى يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق دېگەن نامدا يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى كادىرلار، خەلق ئەسكەرلىرى ئارقىلىق داۋاملىق نازارەت ئاستىغا ئالغان. شۇنداقلا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى ساقچى ئىدارىسى ھەم سوت قاتارلىق جايلاردىن قەرەللىك ھالدا ئادەم كېلىپ، ئۇنى ئەرز قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارماسلىققا دەۋەت قىلغان. ناھىيىدىن كەلگەن كادىرلار يەنە ئۇنىڭدىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان.

نۇرۇنگۈل خانىم ئۆز بايانىدا يەنە، ناھىيىدىن ئەۋەتىلگەن كادىرلار، ساقچىلار ھەم سوت مەھكىمىسى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن قانۇن خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۈستىدىن قىلغان ئەرزى ئۈچۈن، تۆلەم بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ناھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى بىر مەزگىل سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز سولاپ قويغان قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇدا 3 كۈن داۋاملاشقان ئاشلىق ئېلان قىلىشتىن كېيىن، دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۆيىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ يەنىلا ساقچىلار ھەم يېزىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمەت قاسىم، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا 12 يىل داۋاملاشقان ئەرزى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا تۆلەم بېرىشنى قارار قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق ئەرز قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە زورلاۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتتىن خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشتىن توسۇپ قېلىش ئۈچۈن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئەرزدارلاردىن يەنە يۇنۇس ئەپەندى، ياسىن قۇربان، مەرەمنىساخان، بۈخەلچەم، ئانارگۈل قاتارلىق ئەرزدارلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆز ئەرزىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت