خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئەرزىيەت نىزامى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا يۇقۇرىغا ئەرز ئېيتىپ كېلىدىغان خەلق كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. قانۇنغا ئاساسلانغاندا، ئەرز-شىكايەت قىلىش ھەر-بىر دۆلەت پۇقراسىنىڭ ھېچكىم دەخلى -تەۋرۈز قىلالمايدىغان كىشىلىك ھوقۇقى. ئەمما خىتايدا ھۆكۈمەتكە ئەرز -شىكايەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەرگە ساقچىلار توسۇپ ھۇجۇم قىلىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىپ كەلمەكتە.

5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خىتايدا "1 - ماي" مۇناسىۋىتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن "ھەپتىلىك ئارام" ئاياغلىشىپ، بېيجىڭدە ئىدارە-ئورگانلار ئىشقا چۈشكەن 1 - كۈن ئىدى. ئۆز مۇخبىرىمىز فاڭ يۇئەننىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يېڭى "ئەرزىيەت نىزامى" ئېلان قىلغان. بۇ نىزام 5 -ئايدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. دۈشەنبە كۈنى، ھەر قايسى جايلاردىن بېيجىڭگە كەلگەن ئەرزىيەتچىلەر بۇرۇنقىدەكلا يەنە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىلىرى ئالدىغا توپلاشقان. ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىلىرى ئەرزىيەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ "ئىشىك" ئاچقان. ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېڭى "ئەرزىيەت نىزامى" بويىچە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا چوڭ قىزىل تامغا بېسىپ تەستىق چۈشۈرۈشكە باشلىغان. ئەگەر مەسىلىسى 60 كۈنگىچە ھەل قىلىنمىسا، قايتىدىن بېيجىڭگە كېلىپ ھەل قىلىشنى ئۇقتۇرغان.

يول راۋان، بىراق ئەگرى توقاي

ئەرز قىلىۋاتقان لى فامىلىلىك بىر ئايالنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئەرزىيەت ئىشخانىلىرىغا كېلىدىغان كىشىلەرنى "يولدا توسىۋالىدىغان"لار ئازلىغان. ھازىر ئەرزىيەت ئىشخانىلىرغا كېلىدىغان يوللارمۇ راۋان. دۆلەت كابىنېتىنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسى ئەرز قىلغۇچى قايسى ئۆلكىدىن كەلگەن بولسا شۇ ئۆلكىگە، قايسى مىنىستىرلىقتىن كەلگەن بولسا شۇ مىنىستىرلىققا قايتىپ بېرىپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا چوڭ قىزىل تامغا بېسىپ تەستىق چۈشۈرۈشكە باشلىغان. ھازىر ھۆكۈمەت ئەرزىيەتچىلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. دۈشەنبە كۈنى بىر مۇنچە ئادەم قىزىل تامغا بېسىلغان تەستىقنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېتىشتى. "ئىككى ئايغىچە ھەل قىلمىسا، بېيجىڭگە قايتا كېلىڭلار، بىز ھەل قىلىپ بېرىمىز"، دېگەنمىش. ئەمما تۆۋەندە ئۇ تەستىقنى ئىجرا قىلامدۇ، قىلمامدۇ، بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. ئاڭلىساق، قىزىل تامغا بېسىلغان تەستىقنى كۆتۈرۈپ يەرلىك ئورۇنلارغا دەرھال بارغانلار بىلەن ئالدى بىلەن يەرلىك ساقچى ئىدارە باشلىقلىرى كۆرۈشكەنمىش.

لى فامىلىلىك بىر ئايال ئەرزىيەتكە ساقچىلارنىڭ تېخىچە ئارىلىشىۋالغانلىقىغا نارازى. ئۇ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ "خەلق پەقەت ئامال بولمىغاندا ئاندىن ھۆكۈمەتنى ئىزدەپ كېلىدۇ. خەلق ھۆكۈمەتنى ئىزلىمەي كىمنى ئىزلەيتتى؟" دېگەن.

لى فامىلىلىك ئەرزىيەتچى ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، مەركەزدىن ئۇنىڭ ئەرزىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا قارىتا تەستىق سالغان ئىكەن، خەتنى كۆتۈرۈپ بارسا، شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇنى غەربىي شەھەر رايونلۇق شۆبە ساقچى ئىدارىسىغا بۇيرۇپ قويغان. شۆبە ساقچى ئىدارىسى ئۇنى شىنجيېكۇ كوچىسىدىكى ساقچى پونكىتىغا بۇيرۇپ قويغان. بۇ ئايالنى ئەسلىدە شۇ ساقچى پونكىتىدىكى ساقچىلار ئۇرۇپ مەجروھلاندۇرغان ئىكەن. ساقچىلار جىنايەتنى كوللېكتىپ ھالدا سادىر قىلىدۇ. بۇ ئايال ئەمدى ئەسلىدىكى قاتىلنىڭ ئالدىغا ئەرز قىلىپ بارامدۇ؟ ئۇ ھەل قىلامدۇ؟

ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان كەچۈرمۈشلىرى

لى فامىلىلىك ئەرزىيەتچى ئايالنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇلتۇرمۇ "ماجالۇ ئەرزىيەت مەھەللىسى" دەپ ئاتىلىدىغان جايدا تۇرۇپ ئەرز قىلىۋاتقانلار ئىچىدىن بەزى كىشىلەرنى ھۆكۈمەت ھازىر دېيىلىۋاتقانغا ئوخشاش گەپلەرنى قىلىپ يولغا سالغان ئىدى. مەسىلىسى ھەل بولمىغاندىن كېيىن ئۇلار يەنە بېجىڭگە قايتىپ كەلدى. بېيجىڭدە تېخىچە تۇرىۋاتىدۇ.

يەنە بىر ئەرزىيەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، گەنسۇدىن ئەرز قىلغىلى كەلگەن سۈن شاۋدى بىلەن شەرقىي شىمالدىن ئەرز قىلغىلى كەلگەن ليۇ خۇئا ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئىچىدە ئىناۋەتلىك، پائالىيەتچان كىشىلەر ئىكەن. جاۋ زىياڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولغان كۈنى خېلى كۆپ مەتبۇئاتلار ئۇلارنى زىيارەت قىلغان ئىكەن.

يېقىندا بۇ ئىككى كىشى ئەرزىيەت مەھەللىسىدىن ئىز-دېرەكسىز "غايىپ" بولۇپتۇ. بۇ كىشىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئەرزىيەتچىلەر ئىچىدە ئىناۋىتى بار، چاقىرىق قىلىش كۈچى بار بۇ ئىككى كىشىنى ھۆكۈمەت مەخپى قولغان ئېلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. (ۋەلى)