پروفېسسور دوكتور ئەسەد سۇلايماننىڭ ئەنقەرەدە بەرگەن ئىككى قېتىملىق دوكلاتى تۈركلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

«جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇرلانىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى» تېمىلىق لىكسىيە سۆزلەش يېغىنىدا جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ قايسى يوللار بىلەن ئۇيغۇرلارغا ييتىپ بارغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىززىق تېمىغا ئايلاندى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-11-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەسئەد سۇلايمان تۇركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە
ئەسئەد سۇلايمان تۇركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە
Erkin Tarim


دوكتور ئەسەد سۇلايمان ئەپەندى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا باش كۆتۈرۈپ، 20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئويغىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى ۋە يېڭى پىكىر، تەۋسىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. شۇنداقلا جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنى قايتىدىن تەتقىق قىلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئەسەد سۇلايمان ئەپەندى ئەنقەرەدە ئىككى قېتىم لېكسىيە بەردى. لىكسىيە يىغىنىنىڭ بىرىنچىسى شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەنقەرە شۆبىسى تەرىپىدىن 4 ـ نويابىردا چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئەنقەرە قەيسەرى ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. 7 ـ نويابىردا ئەنقەرە ئۈنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ - چۇغراپىيە فاكولتىتىدا چاقىرىلغان لېكسىيە بېرىش يىغىنىغا تونۇلغان تۈركولوك ئوقۇتقۇچىلار، ماگىستىر، دوكتور ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئەسەد سۇلايمان ئەپەندى ئۇيغۇرلاردىكى جەدىتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشىغا قوشقان تۆھپىسى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇيغۇرلاردىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ھەققىدە تۈركىيىدە كۆپ مەلۇمات يوق بولغاچقا، ئۇنىڭ دوكلاتى تۈركلەرنىڭ قاتتىق دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىدى. ئەسەد سۇلايمان ئەپەندى، بۇ يىغىندا موللا مۇسا سايرامىنى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى باشلامچىلىرى قاتارىدا ساناشقا گۇمانلىق قارايدىغان بىر ئىشتراكچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردا شۇ جاينىڭ سىياسىي، جۇغراپىيىۋى ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىرىغا كۆرە ھەر خىل شەكىلدە ئومۇملاشقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەل ئەشۇ مەزگىللەردە «تارىخىي ئەمىنىيە» ۋە «تارىخىي ھەمىدىيە» گە ئوخشاش مۇھىم تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ شەكىلىنىشىگە ئۆنۈملۈك تۆھپە قوشقان موللا مۇسا سايرامىغا ئوخشاش ئىلغار ئالىملىرىمىزنىڭ ھەتتا ئۆز كىتابىنى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئەڭ دەسلەپ مەيدانغا چىققان قازاندا نەشر قىلدۇرغان تۇرۇغلۇق جەدىتچىلىك ھەرىكىتىدىن خەۋەرسىز قىلىشى ۋە قوللىماي قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە پروفېسسور دوكتور ئەسەد سۇلايمان ئەپەندى ئۇيغۇر ئىلىدىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى باشلاملىچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئەمما تېگىشىك دەرىجىدە تەتقىقات قىلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كۆپ كېچىكىپ تونۇلغان نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇر بالىسى) ئەپەندىنىڭ ئىش ـ ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قاچان ۋە قايسى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە تەسىرىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ئەپەندىنى ۋە ئەسەرلىرىنى قايتىدىن تونۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بىز بۇ ئىككى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى يېڭى تېمىلار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەسەد سۇلايمان ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت