ئەسەدنىڭ يېڭى تاكتىكىسى

سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ سابىق باش كاتىپى كوفى ئاننان سۇنغان تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە بۇ تەكلىپلەرنى ئىجرا قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ ھازىرغىچە ئىجرا قىلىنمىغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سۈرىيىدىكى نامايىشچىلار ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلگەن سەپدىشىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 8-ماي.
سۈرىيىدىكى نامايىشچىلار ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلگەن سەپدىشىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 8-ماي.
AFP

تەكلىپنى قوبۇل قىلغان كۈننىڭ ئۆزىدە سۈرىيىدە 80 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك مىسالى.

تەھلىلچىلەر ئەسەدنىڭ كوفى ئاننان سۇنغان 6 ماددىلىق تەكلىپنىڭ ھەممىسىنى ئارتۇق تالاش-تارتىش قىلماستىنلا دەرھال قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ سىرىنى ئىزدەپ ھەر خىل مۇلاھىزىلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. بەزىلىرى بۇ رۇسىيىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىش. بولمىسا ئەسەدنىڭ بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى دېسە، بېزىلەر چۈنكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ لىغىلداپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان دېيىشتى.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 29-مارت پەيشەنبە كۈنىدىكى سانىدا، مەشھۇر يازغۇچى تارىق ھەمىد دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان «ئەسەدنىڭ يېڭى تاكتىكىسى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەسەدنىڭ كوفى ئاننان سۇنغان تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىشى بىلەن موسكۋا ئۇنى تەبرىكلىدى، باغداتتا توپلاشقان ئەرەب دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ ئەسەدنىڭ بۇ ئىشىنى قارشى ئالغان بولدى. شۇنداق قىلىپ سۈرىيىگە سىرتقى دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قالمىدى دېگەن پىكىر ئوتتۇرىغا چىقتى. زادى ئەسەدنىڭ بۇ تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىشىدىكى بىرىنچى سەۋەب دۇنيانى شۇنداق دېگۈزۈش ئىدى. موسكۋانىڭمۇ ئەسەدنى ‹كوفى ئانناننىڭ تەكلىپى ئاخىرقى پۇرسەتتۇر› دەپ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە تەكلىپ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن بىرىنچى بولۇپ تەبرىكلىشى بۇ سەۋەبتىن ئىدى. ئەمما تەكلىپنىڭ جاۋابىنى ئالغان كوفى ئانناننىڭ كۆڭلى خاتىرجەم ئەمەس. ئۇ شۇڭا مۇھىم بولغىنى تەكلىپلەرنى ئىجرا قىلىشتۇر! دەپ تۇرماقتا.»

ئەسەدنىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشىنىڭ سەۋەبى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەسەدنىڭ كوفى ئاننان سۇنغان 6 ماددىلىق تەكلىپنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن، ئەسەد موسكۋانىڭ ‹بۇ ئاخىرقى پۇرسەت› دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ تېگىگە يەتكەن ۋە ئۇنى ئوبدان چۈشەنگەن. ئىككىنچىدىن، تۈركىيىدە چاقىرىلىدىغان ‹سۈرىيە دوستلىرى يىغىنى› نىڭ ئالدىنى توسۇش ۋە نەتىجىسىز قالدۇرۇش. چۈنكى ئەسەد كوفى ئانناننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئىكەن، سۈرىيىگە قارشى باشقىچە ھەرىكەت قىلىشنىڭ يولى توسۇلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تاشقى دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيە ئىشىغا ئارىلاشماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش. تۆتىنچىدىن، ۋاقىت قازىنىشتۇر. چۈنكى ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ قىسقىلا ئۆمرى قالغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ھازىر سۈرىيىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلغان خەلقچىل ئەسكەرلەر بىلەن ئەسەد تەرەپدارىدىكى ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە تەڭ كېلىۋاتقانلىقى بۇنىڭ ئوچۇق مىسالى.»

ئەسەد كوفى ئانناننىڭ تەكلىپلىرىنى ئىجرا قىلمايدۇ

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەسەد كوفى ئانناننىڭ تەكلىپلىرىنى ھەرگىز ئىجرا قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ تەكلىپلەرنىڭ ئىچىدە، سۈرىيىدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش دېگەن ماددا بار. ئەسەدنىڭ ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى دېگەنلىك ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈشى دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ئىنقىلابچىلارنىڭ بىرلا تەلىپى ئەسەدنى ھاكىمىيەتتىن چۈشۈرۈشتۇر. ھازىر سۈرىيىدىكى ئىنقىلابچىلار كۈچلۈك. ئۇلارنىڭ سىرتتىكى ۋەكىللىرى ئەسەدنىڭ يېقىن ئادەملىرى بىلەن سودىلىشىۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن ئەنگلىيە تېلېۋىزىيىسىگە بايانات بەرگەن بىر ئىنقىلابچىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئەسەدنىڭ يېنىدىكى مۇھىم ئادەملەر بالا-چاقىلىرىنى سۈرىيىدىن سالامەت ئېلىپ چىقىپ كېتىشىگە كاپالەت قىلىش بەدىلىگە ئىنقىلابچىلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بۇنداق سۆھبەتلەر كۈندىلىك بولۇپ تۇرىدىكەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئەسەدنىڭ كۈنى ئاز قالغان. بۇنى ئۆزىمۇ سىزىدۇ. شۇڭا ئۇ ۋاقىت قازىنىشنىلا كۆزلىمەكتە»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت