كانادا ساقچى دائىرىلىرى، خىتايلار ئىگىدارچىلىقىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنى قولغا چۈشۈردى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە كانادا ساقچى دائىرىلىرى 32 مىليون قىممىتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك بۇيۇملىرىنى قولغا چۈشۈردى. مەلۇم بولىشىچە ساقچىلار يەنە بىر قانچە جايلاردىكى زەھەرلىك چېكىملىك پىشىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىمۇ پاچاقلاپ تاشلىغان. ئۇلار ھازىرغا قەدەر 34 گۇماندارنى قولغا ئالغان بولۇپ، گۇماندارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولۇپ چىقىشى كانادالىقلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان.

بۇ ھەقتە كانادادا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.