شۋېتسىيىدە يۈز بەرگەن دۆلەت ئاتلىغان ئادەم ئەتكەسچىلىكى


2007.07.10

ياۋروپادا چىقىدىغان 'غەرب شامىلى ژۇرنىلى'نىڭ تەھرىرى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا شۋېتسىيىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا، خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا يېڭى ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا خىتاي تەۋەلىكىدىن 23 نەپەر ياش ئۆسمۈر شىۋىتسىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىشىچە، بۇ 23 نەپەر ياش ئۆسمۈر خىتايدىن ستوكلىم شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى كۆرسەتمىگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېنىدا 1000 يۇرو نەق پۇل بار، چامدانلىرى ئوخشاش، يانفونلىرىمۇ ئوخشاش ئىكەن. بۇنداق ۋەقە شۋېتسىيىدە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن.

ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى شۋېتسيە جەمئىيىتىدە بۇ ۋەقەگە قارىتا پەيدا بولغان ئىنكاسلارنى بايان قىلدى. شۋېتسىيە جەمئىيىتىدە پەيدا بولغان ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بىر قىسم شۋېتسىيىلىكلەر بۇنى خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ پائالىيىتى ھازىر شۋېتسىيىگىمۇ كەلدى، ئۇلار شۋېتسىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان قانۇن -نىزاملىرىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان.

ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى بايان قىلىشىچە، شۋېتسىيىلىكلەر ھازىر خىتايدا 'ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش' دېگەن نام ئاستىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىنىمۇ بىلىدىكەن. شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا، بۇ ۋەقە توغرىسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ سۇئال قويۇپ تەھلىل قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.