0:00 / 0:00
ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان پولشا پايتەختى ۋارشاۋادىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا قىرغىز كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى بەزى قىرغىز مەنبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېررورچى، دەپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇلار 2001 - يىلى ئوش ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تېرورچىلىق بىلەن ئەيىپلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈمەت قىلىنغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئەنۋەر توختى، ئەخمەت گۇنان ۋە بەھرامجانلارنىڭ ناھەق سوتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.