ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى(3)


2006.10.17

پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋا شەھىرىدە 4-9-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. 55 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر يىغىندا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى جۈملىدىن قىرغىزىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىنسان ھوقۇقى ، دېموكراتىك تەرەققىيات مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقان خەلقئارالىق ئورگان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى مەزكۇر ئورگاننىڭ دىققەت ئېتىبارىدىن ئورۇن ئالماقتا.

ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تالىپ ياقۇپوۋ پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ھۈسەنجان جېلىلنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنى تەنقىت قىلدى. ئۇ ھۈسەنجان جېلىلنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى چوڭ سىياسىي سۈيىقەست، دېدى.

ياقۇپوۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆزبېكىستان قانۇنى جاۋابكار قەيەردە جىنايەت سادىر قىلسا شۇ يەردە سوتلىنىدۇ، دەي ئوچۇق ئېيتىلغان بولسىمۇ لېكىن كېرىموۋ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان.

بۇ ھەقتە قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.