ئەخلاق، روھى گۈزەللىكتۇر

ئىنسان روھى دۇنياسىنى گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاق بىلەن زىننەتلىگەندىلا جەمئىيەتتە ئىش - ھەرىكىتى گۈزەل، سۆز - ئىپادىسى گۈزەل، مۇھىتى گۈزەل بولالايدۇ، ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىك، قەدىر - قىممەتلىك بولالايدۇ، ھەمدە ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابىنى تاپالايدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.09.10

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەككىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بۇھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ئەخلاق ھەققىدە مۇنداق دېدى:"ئىنسانلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئىككى تەرىپى باردۇر. ئىنسانلارنىڭ ماددى تەرىپى بەدەن، مەنىۋى تەرىپى روھ دەپ ئاتىلىدۇ. روھنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئىنسان روھىنىڭ ئەسىرى بولغان گۈزەل خۇيلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇلارنى ئەخلاق دەيمىز. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، روھىمىزغا يەرلىشىپ ئادەت ھالىغا كەلگەن يۈرۈش - تۇرۇشلار ئەخلاق دەپ ئاتىلىدۇ. ئەخلاق - ياخشى ئەخلاق ۋە ناچار ئەخلاق دەپ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، ياخشى ئەخلاق - ئۆزىمىزگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان، دىنىمىزنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئويغۇن كەلگەن ئەخلاقلاردۇر. يامان ئەخلاق- ئۆزىمىزگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە زىيانلىق بولغان، دىنىمىزنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئويغۇن كەلمىگەن ئەخلاقلاردۇر. ياخشى ئەخلاق ياكى گۈزەل ئەخلاق ئىمان بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدىغان ئەمەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بايان قىلىپ:' ئىمانى ئەڭ كامىل مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق كىشىدۇر' دەپ كۆرسەتكەن."

گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتى

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى گۈزەل ئەخلاقنىڭ ھاياتتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" مۇسۇلمانلاردا بولسا، گۈزەل ئەخلاق ئىبادەتتىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: "مۇسۇلمان ئادەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇغان ۋە كۈندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. ئورۇنلىغۇچىسىغا بۇ دۇنيادا پايدىسى بولمىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا پايدا يەتكۈزەلىشى مۇمكىن ئەمەس. تەبىئىيكى، ئىبادەتلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى پايدىلىرى گۈزەل ئەخلاقتۇر! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن:" كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟" دەپ سورىغاندا، ساھابىلار:" ھېچقانداق مال - مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغان كىشى، دەيمىز" دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:" قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولسا، ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۇممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر."

بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: "يا رەسۇلەللاھ! بىر ئايال بار، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىدۇ. لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت بېرىدىكەن" دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ" دېگەن. ئۇ ئادەم يەنە: "يەنە بىر ئايال بار، ناماز، روزىسى ئاز، سەدىقىنىمۇ ئاز بېرىدىكەن. قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمەيدىكەن" دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ" دېگەن. بۇ جاۋابتا ئېسىل ئەخلاقنىڭ قىممىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: " گۈزەل ئەخلاق خۇددى سۇ قىرونى ئېرىتكەندەك خاتالىقلارنى ئېرىتىدۇ. ناچار ئەخلاق، سىركە ھەسەلنى بۇزغاندەك ھەممىنى بۇزىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ياخشى ئەخلاق ياكى گۈزەل ئەخلاق ئەڭ ساۋابلىق ئىبادەت قاتارىدىن سانىلىدۇ. بىر ھەدىستە: "قىيامەت كۈنىدە مۇسۇلمان كىشىنىڭ ياخشىلىق مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىن سالماقراق كېلىدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر" دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.