گۈزەل ئەخلاق ھەرقانداق مىللەتتە ماختىلىدىغان، ھەر كىم ئۇنىڭغا ئىنتىلىدىغان ۋە ھەركىم ئۇنى قەدىرلەيدىغان بىر نەرسىدۇر. گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىلەر ھەر قانداق جەمئىيەتتە قەدىر - قىممەتكە ۋە خەلقنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشەلەيدۇ. گۈزەل ئەخلاق ھاياتنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىدە تەلەپ قىلىنىدىغان، ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدىغان بىر نەرسىدۇر. گۈزەل ئەخلاقنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئائىلىدە ئاتىنىڭ بالىلىرىغا ۋە جۆرىسىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولىشى، ئۇلارغا كۆيۈمچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ئۇلارنى ياخشى پەرۋىش قىلىش گۈزەل ئەخلاقتىن سانالسا، ئۇلارغا قوپاللىق قىلىش، ئۇلارنى خەلققە ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىق قىلىپ ياخشى تەربىيىلەشكە سەل قاراش يامان ئەخلاقتۇر. شۇنداقلا بالىلارنىڭمۇ ئاتا - ئانىسىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى ئاسرىشى گۈزەل ئەخلاقتىن سانالسا، ئۇلارنى رەنجىتىش يامان ئەخلاقتىن سانىلىدۇ.
ئىش ئورۇندىكى باشلىقنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە سىلىق ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى گۈزەل ئەخلاقتىن سانالسا، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا زورلۇق - زومبۇللۇق قىلىش ناچار ئەخلاقتۇر. گۈزەل ئەخلاق مۇسۇلمانلاردا ئىبادەتتىن سانىلىدۇ. شۇڭا ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاقنىڭ بارچە ئەمەل - ئىبادەتلەردىن قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ : "قىيامەت كۈنىدە مۆمىن كىشىنىڭ ياخشىلىق مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىن سالماق كېلىدىغان نەرسە يوقتۇر" دەپ كۆرسەتكەن .
گۈزەل ئەخلاق ھەممە ئىشتا تەلەپ قىلىنىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئالىمى مۇھەممەد نىياز ھاجىم گۈزەل ئەخلاق توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:" گۈزەل ئەخلاق پۈتۈن ئىشلاردا - كىشىلەر بىلەن بولغان بارلىق مۇئامىلىلەردە، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشتە، ھالال رىزق تېپىش ئۈچۈن ئىشلەشتە، ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا، ھەتتا ئادەتتىكى يۈرۈش - تۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە تەلەپ قىلىنىدىغان بىر نەرسىدۇر. مۇئامىلىدە كىشىلەرگە دۇرۇس بولۇش گۈزەل ئەخلاقتىن سانالسا، كىشىلەرنى ئالداش يامان ئەخلاقتۇر. قوشنىلارغا كۆيۈمچان بولۇش ۋە ئۇلارغا قولىدىن كەلگەنچە ياخشىلىق قىلىش گۈزەل ئەخلاق بولسا، ئۇلارنى رەنجىتىش ۋە قوشنىلىق ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىق يامان ئەخلاقتۇر. ۋەتەننى ۋە خەلقنى سۆيۈش گۈزەل ئەخلاقتىن سانالسا، ۋەتەندىن يۈز ئۆرۈش ياكى ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىش ئەڭ كەچۈرۈلمەس ئەخلاقسىزلىقتۇر."
گۈزەل ئەخلاقنىڭ مەنىسى
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، گۈزەل ئەخلاق سۆزى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدەك، باشقىلارنىڭ چىرايىغا تەبەسسۇم بىلەن قاراش، ئۇلارغا ئازار بەرمەستىن يۇمشاق، سىلىق مۇئامىلىدە بولۇش دېگەنلىكلا ئەمەس. گەرچە بۇ ئىشلارمۇ گۈزەل ئەخلاق قاتارىدىن سانالسىمۇ، لېكىن ئەخلاقنىڭ مەنىسى بۇنىڭدىن چوڭدۇر، ئەلۋەتتە.
گۈزەل ئەخلاق ھەر ئىشتا توغرا بولۇش، ئادالەتلىك بولۇش، راستچىل بولۇش ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتنى ساقلاش، سۆيگۈ ۋاپالىق بولۇش، ئىمان ئېتىقادلىق بولۇش، مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنداش، خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىش، ئەبەدىي جاسارەتلىك بولۇش، سېخى، مەرد، پاكىزە، مەدەنىيەتلىك بولۇش، كۆكسى كەڭ بولۇش، ھەر ئىشتا ھەقىقەتنى كۆزلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، باشقىلارنىڭ ياردىمىنى كۈتمەستىن ئۆزىگە يۆلىنىش، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇش، نومۇسىنى ساقلاشنى بىلىش، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش ۋە باشقىلاردۇر.
ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش قەد كۆتىرىشنىڭ بېشارىتىدۇر
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى زاۋاللىقنىڭ ئىشارىتى بولغىنىدەك، ئەخلاقنىڭ تۈزۈلۈشى قەد كۆتىرىشنىڭ بېشارىتىدۇر. بۇنىڭ مىسالى شۇكى، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەن چاغلاردا، ئىرانلىقلار بىلەن رىملىقلار دۇنيادا ھۆكۈم سۈرەتتى.
يەر يۈزى ئۇلارنىڭ سايىسىدىن قورقۇپ تۇراتتى. شۇ ۋاقىتتا بۇ ئىككى ئېمپىراتورلۇقنىڭ بىلىم ھۈنەرلىك، مۇكەممەل ئىنتىزاملىق، چېنىققان ئەسكەرلىرى مەككە تاغلىرىدىن چىققان، ئەسكەر كۈچى تايىنلىق، ئۇرۇش تەجرىبىسىمۇ يېتىلمىگەن ئەرەبلەرگە تەڭ كېلەلمىدى. چۈنكى رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلاردا ئەخلاق بۇزۇلغان، ئەرەبلەردە بولسا، ۋەھىنىڭ تەربىيىسى بىلەن ئەخلاق تۈزەلگەن ئىدى. بىر ئەرەب شائىرى مۇنداق دېگەن ئىكەن:
ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت راۋاج تېپىپ داۋا م ئېتەر،
ئايرىلغانلار ئەخلاقتىن زاۋاللىققا ھامان كېتەر.
(ئۆمەرجان )