ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق تەربىيىسى


2007.12.12

ئەخلاق - ئادەمنىڭ ئىش - ھەرىكىتى، گەپ - سۆزى، ئىدىيىسى، مىجەز - خۇلقى، مۇئامىلە، مۇناسىۋىتى، ئۆرپ - ئادىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قېلىپقا سالىدىغان مىزان. ئەخلاق كۈندىلىك تۇرمۇشتا چېتىلىدىغان دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئومۇملىقى، رولى، تەسىرى، تەربىيىسى جەھەتتىن مەنىۋى كۈچلەرنىڭ سەرخىلى ھېسابلىنىدۇ.

بالىلارنى تەربىيىلەش ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇرچى

ئادەم ئەخلاقىي تەربىيە ئارقىلىقلا ھەقىقىي ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ. ئەۋلادلارغا ئېلىپ بېرىلغان ئەخلاق تەربىيىسى قەيەردە ياخشى ئېلىپ بېرىلسا، شۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ئىدىيىۋى ساپاسى، مەدەنىيەت ساپاسى، ئەخلاق ساپاسى، تەن ساپاسى ياخشى بولىدۇ. ئەخلاقىي تەربىيە ئارقىلىق ئەۋلادلارغا قانداق ئادەم بولۇش، قانداق غايە تۇرغۇزۇش، دەۋرگە ماس قەدەمدە قانداق ئىلگىرىلەش، قانداق قىممەت يارىتىش، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق، نېمىنى سۆيۈش، نېمىلەردىن نەپرەتلىنىش توغرىسىدا تەلىم بېرىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئالىمى مۇھەممەد نىياز ھاجىم گۈزەل ئەخلاق تەربىيىسى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دىدى: "ئەۋلادلارنى گۈزەل ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەش ھەر بىر ئاتا ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى، ئەڭ قاتتىق ۋەزىپىسىدۇر. بالىلىرىنى تەربىيىسىز قويغانلار تەربىيىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئاتا - ئانىلار گۇناھكار ۋە زىيانكارلاردۇر."

بالىلار ئاتا -ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىسى

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلار ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىسى، كۆز قارىسى، نەسەب ئۇرۇقى، مىللەتنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزلىرى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئىگىسى. ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيىلەش بالىنىڭ تەقدىرى، ئائىلىنىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ تەقدىرى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. بالىلار ئاللاھنىڭ ئامانەتلىرى. ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلىمىگەنلەر ئاللاھنىڭ ئالدىدا جازاغا تارتىلىدۇ.

مۇھەممەد نىياز ھاجىم گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەڭ بۈيۈك مىراس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ يەنە مۇنداق دىدى: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: 'ھېچ قانداق ئاتا - ئانا پەرزەنتلىرىگە ياخشى خۇلق، گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاقتىن بۈيۈكرەك مىراس قالدۇرالمايدۇ' دەپ كۆرسەتكەن. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام : 'ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان نېمەتلەر ئىچىدە ئەقىل بىلەن ئەخلاق ئەڭ ياخشى نېمەتتۇر. بۇ ئىككىسى ياشلارنىڭ زىننىتىدۇر' دېگەن ئىكەن. ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاق ئىنساننىڭ ھەقىقىي زىننىتى، روھىي بايلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:' مال - دۇنيا ھەقىقىي بايلىق ئەمەس، روھىي بايلىق ھەقىقىي بايلىقتۇر،' دەپ كۆرسەتكەن."

ۋەتەن سۆيگۈسى گۈزەل ئەخلاقتۇر

ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ۋەتەننى، خەلقنى سۆيىدىغان، ئەدەپ - ئەخلاقلىق، ئېسىل پەزىلەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن مەسئۇلدۇر. ۋەتەن سۆيگۈسىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە مۆھۈردەك بېسىش ۋەتەننىڭ غېمىنى يېيىشنى ئۆگىتىش ئاتا - ئانىلارنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسىدۇر. چۈنكى ۋەتەن سۆيگۈسى ئىمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر.

ئەخلاقلىق ۋە ۋىجدانلىق بولۇپ يېتىشكەن بالا چوقۇم ۋەتىنىنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ. (ئۆمەرجان )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.