خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 30 % تىن ئاشتى

0:00 / 0:00
aids_poster-200.jpg
بىر ئايال شاڭخەي شەھىرىدىكى بىر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات تاختىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەكتە. AFP

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى 22 ‏- نويابىر كۈنى، ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرىدىن شىخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پەقەت 2006 ‏-يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنىگە قەدەر، مەملىكەت بويىچە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 183 مىڭ733 ئادەم كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2005 ‏- يىلى 12 ‏- ئايدا خىتايدا 650 مىڭ ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆزى ئاللىقاچان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغانلىقىنىدىن خەۋىرى يوق ئىكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى يەنە، 2006 ‏- يىلى 1 ‏- ئايدىن 10 ‏- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا 12 مىڭ 464 ئادەمنىڭ ئەيدىز سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى يەنە، ئۆلگەن 12 مىڭ 464 ئادەمنىڭ 37 % ئى زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن، 28 % بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتايدا ئەيدىزنىڭ يامرىشى 90 ‏- يىللاردا باشلانغان بولۇپ، خېنەن، شەنشى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدىكى قان سېتىپ جان بېقىشقا مەجبۇر بولغان خىتاي دېھقانلىرى ئەيدىز ۋاباسىنى ئېلىپ كەلدى.

خىتايدا ئەيدىز شىددەتلىك تارقىلىش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر ئېلىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى

كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتايدا ئەيدىز ئەڭ كۆپ تارقالغان رايوننىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. نەتىجىدە بۇ مەسىلىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟ ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن بۇ رايوندا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرىدۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە قانداق ئاقىۋەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا يول ئاچتى.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىيۇنلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئېلىشى بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ مەقسەتلىك كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىن دەپ قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسىزلىقنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دەپ قارىدى. يەنە بىر قىسىم سىياسىيۇنلار بولسا "بۇ ھۆكۈمەتنىڭ غەرەزلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى سۆز قىلالماستەك ئاجىز بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتەك سىياسىي ئويۇنىدىن ئىبارەت" دېيىشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىسىگە ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلمەيۋاتامدۇ؟

ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى تۇنجى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، ھازىر ئەيدىز ۋاباسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 15 ۋىلايەت، ئوبلاست ھەمدە 69 ناھىيىسىگىچە تېز سۈرئەتتە يامرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەر ئەيدىز ئەڭ كۆپ تارالغان جايلار ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي مەتبۇئاتىدا بېرىلگەن خەۋەردىن ئىگە بولۇشىمىزچە، بۇ يىل 3 ‏- ئايدا ئېچىلغان خىتاي خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ قاتناشقان بىر ۋەكىل، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوندا ئەيدىزگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمىتىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى دادىللىق بىلەن پاش قىلغان. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزگە قارشى ئەسلىھە ھەمدە ئادەم كۈچىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، مەبلەغنىڭ ئازلىقىنى شۇڭا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يېرىم يىل ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەقەت ئىلى ئوبلاستىدىلا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 3900 دىن كۆپرەك بولۇپ، ئەيدىز نىسبىتى بويىچە خىتايغا سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 90 % تىن كۆپرەكى ياشلار ئىكەن.

نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ئۇيغۇر ئېلىدە شۇنچە تىز يامرايدۇ؟

خىتاينىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى، كىشىلەرنى تۈرلۈك يوللار بىلەن پۇل تېپىشقا ئۈندىدى. ئۇيغۇر ئېلىنى پۇل تېپىشنىڭ ياخشى ماكانى دەپ بىلگەن خىتايلار بۇ رايوندا ھەر خىل تىجارەتلەرنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتايلار رېستوران، كافېخانا، ھۆسىن تۈزەش سالونى قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇيۇق يوللارغا باشلاپ كىرگەن، بۇ سەۋەبتىنمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغان. ئەپسۇس ھۆكۈمەت بۇنىڭغا تېگىشلىك زەربە بەرمىگەن.

بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن شۇغۇلانغۇچىلار ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى، خىتاي بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى بۇ خىل جىنايى ئىشلارغا زەربە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەيلا قالماستىن، بەلكى زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكىگەن گۇرۇھ ئەتكەسچىلىرىدىن كۆپ مىقداردا جەرىمانە ئېلىپ، ئۇلارنى قانۇن جازاسىدىن ساقلاپ قالىدىكەن. نەتىجىدە، ئاممىۋى سورۇنلاردا زەھەرلىك چېكىملىكنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ، جان ئۈزگەن ئۇيغۇر ياشلارنى داۋاملىق ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.

گەرچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋاباسىغا قارشى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتى چەكلىكلا بولغان، ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان" قار لەيلىسى" تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بىزگە مۇنداق دېگەن ئىدى.

"ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز مەسىلىسى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىنمۇ ئېغىر، بۇ جايدا ئەيدىز مەسىلىسى سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەشۋىقاتتىن باشقا ئەمەلىي ئىش قىلغىنى يوق".

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزگە قارشى خىزمەتلەرنىڭ يېتەرلىك ئېلىپ بېرىلمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان مەزكۇر تەشكىلات، بۇ يىل 10 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئەنگە ئالدۇرۇلمىغان دېگەن باھانە بىلەن بىكار قىلىندى.

ئۇيغۇر سىياسىيۇنلىرى، مانا بۇ ئەھۋاللاردىن، ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ يامرىشىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىغا سىياسەت ئارىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئوچۇق دەلىلى دېگەن خۇلاسىنى چىقاردى. (ئەقىدە)