خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە، مەزكۇر شەھەردە ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىلا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 6936 نەپەر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2051 نەپەر كۆپەيگەنلىكى يەنى تارىختىن بۇيان ئەڭ كۆپ كۆپەيگەن يىلى بولۇپ ھىسابلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. دېمەك ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە، ئەيدىز بىمارلىرى تەخمىنەن كۈنىگە 6 دىن كۆپەيگەن.
ئەيدىزنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەبلەر
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە بۇنداق تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، پاھىشە ئاياللار ۋە جىنسىي كېسىلى بارلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، يېقىندا ئۈرۈمچىدە 7 تۈردىكى كىشىلەر ئارىسىدا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە مەخسۇس ئۇختۇرۇش چۈشۈرۈلگەن. بۇ 7 خىل كىشىلەر بولسا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنى، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى، پاھىشىلەرنى، جىنسىيەت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى، ئۈزۈن يوللۇق يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان شوپۇرلارنى، ھامىلدار ئاياللارنى ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۈتكۈچى قىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كېسەلگە بولغان يىرگىنىش ۋە قورقۇش ھالىتىمۇ ناھايىتى ئېغىر بولغان.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر زىيالىي ئايال مەزكۇر جايدىكى ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، "بۇنداق بولۇشى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، زەھەرلىك چېكىملىكنى ساتقۇچىلارنىڭمۇ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن " دەپ بىلدۈردى. ئۇ يەنە ھازىر ئۈرۈمچىدە زەھەرلىك چېكىملىكنى چېكىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇنى ساتقۇچىلار خىتاي ۋە تۇنگان مىللىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان ساقچىلارنىڭمۇ پۇل ئۈچۈن كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
پېشقەدەم ئەيدىز پائالىيەتچىسىنىڭ ئېيتقانلىرى
يېقىندا خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يېشى 80 دىن ئاشقان خىتاينىڭ داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى دوختۇر گاۋ ياۋجىئې خانىم ئامېرىكىغا كېلىپ ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمى كۈنىنىڭ ئەتىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزغا كېلىپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 31 ئۆلكە، شەھەر ۋە رايونلاردا، ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋە سەبداشلىرىنىڭ ھەممىلا ئۆلكىگە دېگىدەك بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئاپىتىنىڭ خىتايدىكى ھەرقانداق ئۆلكىدىكىدىن تېخىمۇ بەكرەك ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گاۋ ياۋ جيې خانىم سۆھبەت جەريانىدا يەنە، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئاپىتىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرۋاقىتتا، "بىزدە ھازىر ئەيدىز كېسىلى پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى زەھەرلىك چېكىملىك تۆپەيلىدىنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا قان سېتىش ۋە قان ئېلىش قاتارلىق يوللار بىلەن تارقالماقتا. بۇلۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋال ھازىر ئاياللار ئارىسىدا تېخىمۇ بەك ئېغىر بولۇپ، دوختۇرخانىدا بالا تۇغۇش جەريانىدا، تۇغۇتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۈزۈك سېلىش ياكى ئوپىراتسىيە قىلىش جەريانىدا قان ئارقىلىق ئەيدىز كىسىلىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغانلار سانى ناھايىتى كۆپ بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن، ئانىدىن بالىغا يۇقۇدىغان ئەھۋالمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپىيىشكە باشلىدى " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە " ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز 'دەپ قۇرۇق تەشۋىقات قىلغىنى بىلەن، يەر ئاستى قان پونكىتلىرىنى يوقىتىشتا، ھېچقانداق جىددىي چارە- تەدبىرلەرنى قوللانغىنى يوق. قان ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغانلار پەقەت خېنەن ئۆلكىسىدىلا ئەمەس، باشقا ئۆلكىلەردىمۇ نۇرغۇن، ھەتتا خېنەن ئۆلكىسىدىكىدىنمۇ ئېغىر " دەپ بىلدۈردى.
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئاققۇنلار تەرىپىدىن ئېچىلغان يەر ئاستى شەخسى قان پونكىتلىرى يەنىلا نۇرغۇن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىش ئورۇنلىرى بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كارى بولمىغان. بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ بۇنداق ئېغىر ھالەتكە چۈشۈپ قىلىشى مەزكۇر رايوندىكى ئەيدىز ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەلىم- تەربىيە ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ دېگەندەك ياخشى بولمايۋاتقانلىقىدىن شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىدىن ۋە قاتتىق چارە -تەدبىر قوللانمايۋاتقانلىقىدىن " دەپ بىلدۈرمەكتە. لېكىن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان نيۇ يوركتا تۇرۇشلۇق مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى " بىز ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھۆكۈمەتتىن ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزۇش مەسىلىسى " دەپ تەكىتلەپ، ئۆز ئوي پىكىرلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىدى. (مېھرىبان)