زەھەر تاشلىغۇچى: "ئىرادىلىك بولسىڭىز زەھەرلىك چېكىملىكنى چوقۇم تاشلىيالايسىز..."
زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىز قاتارلىق ئىنسانىيەتكە زور ئاپەتلەر ياغدۇرۇۋاتقان بۇ ۋەھىمىلىك ئۇقۇملار، ئون - يىگىرمە يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئاڭلاپمۇ باقمىغان يات ئۇقۇملار ئىدى.
ئەمدىچۇ ؟ نۆۋەتتە بۇ ئاتالغۇلارنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك. چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بېرى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يامرىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئېلى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى جەھەتتىنلا ئەمەس، ھەتتا ئەيدىز كېسەللەرنىڭ نىسبىتى جەھەتتىمۇ خىتاي بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا سانىلىدىغان رايونغا ئايلاندى. بۇنى ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە دەپ قارايدۇ.
زەھەرلىك چېكىملىك كىملەرگە زىيان يەتكۈزمىدى ؟ قانچىلىغان ياش گۈللەرنى سۇلدۇرمىدى ؟ قانچىكى ئەۋلادلارنى نابۇت قىلىپ، قانچىكى ئاتا- ئانىنى قان يىغلاتمىدى؟ قانچىكى ئائىلىلەرنى ۋەيران، بالىلارنى يېتىم قىلمىدى؟....
زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، جىنايەت، نابۇت بولۇش، پۇشمان، ئۆكۈنۈش، چۈشكۈنلىشىش، قايتا چېكىش، ئەيدىز، ئۆلۈم.....مانا بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىۋاتقان زۇلمەتلىك قۇيۇن، خىتاينىڭ ئاتالمىش قاتتىق باستۇرۇشلىرىدا ئاجىزلاپ قالماستىن، ئەكسىچە يەنىمۇ زورايماقتا، بۇ قۇيۇن يەنە قانچىلىك ئىنسانغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؟ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى نەدە؟
مانا مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە قەشقەردىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ قايتا تاشلىغان ئۇيغۇر ياش ئاتا بىلەن سۆھبەتتە بولدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 2007 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى دۇنيانىڭ تاماكىدىن خالى كۈنى
- مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كەمسىتىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- ئەيدىز بىمارلىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە زور كەمستىشلەرگە دۇچ كەلمەكتە
- داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى گاۋ ياۋجيې رادىئومىزغا كېلىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى
- ئەيدىز پائالىيەتچىسى گاۋ ياۋجېنىڭ مۇكاپات تاپشۇرۋىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى
- دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنى زىيارەت
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىزنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسېرى يامراۋاتقانلىقىغا ئىقرار بولماقتا
- خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 30 % تىن ئاشتى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش شەكلى "ئافرىقىلاشماقتا"
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى