"ئەيدىز ئاشخانىلاردا "دىن ساراسىمگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟


2007.06.29

ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەيدىز ئەڭ تېز تارىلىۋاتقان شۇنداقلا نوپۇسقا نىسبەتەن ئەيدىزلەر سانىمۇ بىر قەدەر كۆپ ھېسابلىنىدىغان رايون بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە تارقالغان مەلۇم ساختا ئۇچۇرنىڭ ئۇيغۇرلاردا كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەھىمىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىزگە بولغان تونۇشنىڭ كەملىكى ھەم خاتالىقى، HIV ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ئەيدىز بىمارلىرى ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنى كەمسىتىش خاھىشىنىڭ يەنىلا ئېغىرلىقى ئاشكارىلاندى، مۇتەخەسسىسلەر ئەيدىزگە بولغان بۇ خىل خاتا تونۇشلارنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئۇيغۇر جەمىيىتىنى ساراسىمىگە سالغان گۇمانلىق ئۇچۇر

يېقىندىن بۇيان بەزى ئىنتېرنېت ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە" ئەيدىز ئاشخانىلاردا" غا ئوخشاش تېمىدا تارالغان ئۇچۇر ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قوزغىغان تېما بولۇپ قالدى. مەزكۈر ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان تۆت نەپەر قىز يېقىندا غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم ئۇيغۇرچە تېز تاماقخانىسىغا كىرىپ جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش مەقسىدىدە، بارماقلىرىنى قاناتقاندىن كېيىن شىرەگە قويۇلغان لازا قۇتىسى، ئاچچىقسۇ قۇتىسى ۋە چىش كولىغۇچلارغا قان تېمىتقانمىش، ئۇلارنىڭ گۇمانلىق ھەرىكىتى پاش بولۇپ ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى ئەيدىز ۋىرۇسىنى باشقىلارغا قەستەن يۇقتۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان، دېگەندەك مەزمۇنلار يېزىلغان بولۇپ، مەزكۈر ئۇچۇر تور بەتلەر ئارقىلىق تېز ئارىدا تارقىلىپ تورداشلاردىلا ئەمەس بەلكى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك ۋەھىمە ھەمدە ئەندىشە پەيدا قىلغان.

بۇ ھەقتە تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزە ياكى ئىنكاسىدا كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەيدىغىنى، مەزكۈر ۋەقەدىن كېيىن ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ۋەھىمە ھېس قىلىش، ئاتالمىش ۋەقە سادىر قىلغۇچىلاردىن نەپرەتلىنىش، ئاشخانىلارغا كىرىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئەيدىز بىمارلىرىدىن نەپرەتلىنىش، ھاقارەتلەش، كەمسىتىش، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىدىن گۇمانلىنىش، ساراسىمىگە چۈشۈش، ئىككىلىنىش، ۋەقەدىن گۇمانلىنىش، ئىشەنمەسلىك،ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا ھۆكۈمەت سىياسىتىدىن نارازى بولۇشقا ئوخشاش قاراشلار.

ئەيدىز ۋىرۇسى تېز ھەم كەڭ تارقىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مانا بۇ خىل ۋەھىمە ھەمدە ھودۇقۇش، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى، مۇھىمى ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كەمسىتىشنىڭ ئېغىرلىقى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، جەمئىيەتنىڭ ئەيدىزنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا يەنىمۇ زور روھىي بېسىملارنى،زىيانكەشلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ئىپادىلەندى.

چۈنكى HIV ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئوخشاش تېمپىراتورىدىمۇ ئۇزۇنغىچە ھايات تۇرالمايدىغانلىقى ئۇنىڭ باشقىلارغا يۇقۇشى ئۈچۈن قان تومۇرغا، ھورمۇنغا ياكى يارا ئېغىزلىرى ئارقىلىق قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا ئېقىپ كىرىشىدىن ئىبارەت شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەكلىكى خېلى بۇرۇنلا ئەيدىز مۇتەخەسسىس ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىپ خۇلاسىلانغان. بۇ ئەيدىزنىڭ ئەڭ ئەقەللى ساۋاتلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئىلى ساقچى دائىرىلىرى: بۇ ئىغۋا

شۇنداقتىمۇ بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ساراسىمىگە سالغان بۇ تۆت نامەلۇم ئەيدىز بىمارىنىڭ جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ۋەقەسىنى ئېنىقلاپ، ھودۇققان كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش مەقسىدىدە ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، مەزكۈر ۋەقە يۈز بەرگەن تېز تاماقخانا جايلاشقان كوچا ساقچىخانىسى قاتارلىق جايلاردىكى ساقچىلار بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر ئىغۋا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى دىلشات بىلەن ئالاقىلاشتۇق.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزگە بولغان تونۇشى

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئىچىدە بۇ كىشىنىڭ ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىلىرى بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى مەلۇم تەرەپلەردىن ئىپادىلەپ بەرسە كېرەك.

ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاۋال ئۇنى چۈشىنىش كېرەك

ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى "ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن ئۇنى ئېنىق كۆرۈپ، توغرا تونۇش كېرەك شۇندىلا ئۇنىڭدىن ۋەھىمە ھېس قىلمايمىز " دەيدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلاردا ئەيدىزدىن پەيدا بولغان بۇ خىل ۋەھىمىنىمۇ توغرا تونىماسلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ ؟ بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئالدۇق.

مۇتەخەسسىسلەر بىردەك، ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشتا ئاۋال ئۇنى توغرا چۈشىنىش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئىگىلەش، زەھەرلىك چېكىملىكتىن، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ھەزەر ئەيلەش، مۇھىمى ئەيدىزلەرنى كەمسىتمەسلىك، ئەيدىزلەرنىڭ بولسا ئۆزىگە ھەمدە جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق، ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.