
ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدا زور رولى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. ئۆتكەنكى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان ۋاشىنگتوندىكى بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر، بەزى مىللەت ۋە گۇرۇھلاردا ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تېز بولۇشىغا شۇ مىللەت ۋە گۇرۇھلاردىكى ئاياللارغا قارىتىلغان جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ رولى ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش پىلانىنى تۈزگەندە ھەم ئەيدىز ۋىرۇسنى تېزگىنلەش، ھەم ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى ساھەنى تەڭ تۇتۇش كېرەك.
" ئاياللار ئېرىدىن قورقۇپ ھەم نومۇس كۈچى تۈپەيلى بۇ كېسەللىككە سۈكۈت قىلىدۇ "
مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇقى گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە چاقىرغان "جىنسىيەت ئاساسىدىكى زوراۋانلىقلار ۋە ئەيدىز كېسىلى" دېگەن تېمىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تېز كېڭىيىشىدە ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ مۇھىم رولى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. يىغىندا مەركىزى ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسىسكو شەھىرىدىكى ئائىلە زوراۋانلىقىدىن ساقلىنىش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر مەسئۇلى كرېىستېين ستىۋارد، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرىدىغان 40 مىليون ئادەمنىڭ يېرىمىنى ئاياللار ئىگىلەيدىغانلىقىنى ۋە ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ناھايىتى تېز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ستېۋاردنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ ئاياللار ئارىسىدا تېز كۆپىيىشىدە ئاياللارنى نىشان قىلغان جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ رولى زور بولۇپ، بۇ زوراۋانلىقلار دائىم بىر ئائىلە ئىچىدە ياكى ئەر- ئاياللار ئارىسىدا يۈز بەرمەكتە. يىغىندا كرىستېين ستىۋارد ئەيدىز ۋىرۇسى يامرىغان جايلاردىكى ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ،" باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان بىر ئايالنىڭ ياكى ئېرى جىنسىي ئالاقىدە كىيدۈرمە ئىشلىتىشنى رەت قىلغان ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى ناھايىتى زور بولماقتا،" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ تۈردىكى ئاياللار ئەيدىز ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغاندىن كېيىنمۇ داۋالىنىشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئېرىنىڭ ئۇرۇش ياكى تاشلىۋېىتىشىدىن قورقۇدۇ ھەم نومۇس كۈچى تۈپەيلى بۇ كېسەللىككە سۈكۈت قىلىدۇ.
ئاياللارغا قارشى زوراۋانلىق - جەمئىيەتتىكى بىر قارا داغ
يىغىندا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شتاتىدىكى سالامەتلىككە ماس تېخنولوگىيە پروگراممىسى PATH تەشكىلاتىنىڭ جىنسىيەت، زوراۋانلىقلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسلىھەتچىسى مارىي ئېلسبېرگ سۆز قىلىپ، ئاياللارغا قارشى زوراۋانلىقنى جەمئىيەتتىكى بىر قارا داغ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ مەسىلىدە ساقچى، سوتچى، سەھىيە خادىمى ۋە ئالاقىدار ساھەلەردىكى جەمئىيەت ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نومۇس كۈچى تۈپەيلى زوراۋانلىققا سۈكۈت قىلىدىغان تەرەپلەرنى زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان "ئاكتىپلار"غا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئېلسبېرگ، "بۇنىڭ بىلەن ئاياللارغا قارشى زوراۋانلىقنى ئائىلىدىكى شەخسى نەرسىدىن پۈتۈن جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ھادىسگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ " دەپ ئەسكەرتىدۇ. لېكىن ئېلسبېرگ، ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ تونۇشنى ئۆستۈرۈش بىلەنلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن زوراۋانلىقنىڭ قۇربانلىرىنى قانۇنى ئادالەت، سالامەتلىك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىمۇكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى رۇقىيە تۇردۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئاياللارنى خورلاش ئەھۋالى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ نېگىزى يەنىلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۈر، دەپ كۆرسەتتى.
"ئاياللارنى خورلاش ئومۇميۈزلۈك ۋە ناھايىتى مۇستەھكەم ھادىسە"
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى يىغىندا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئاياللار تەتقىقات مەركىزى جىنسىيەت، خورلاش ۋە كىشىلىك ھەقلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ناتا دۇۋۇرى سۆز قىلىپ، تەتقىقاتلار ئائىلە نامراتلىقى ئېغىرلاشقانسىرى ئاياللارغا قارشى زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، دەپ ئەسكەرتىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات خىزمىتىدە مىكرو مەبلەغ پروگراممىسى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى ھەققىدىكى تەلىم تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن ناتا دۇۋۇرى، بىزنىڭ مەقسىتىمىز، دۆلەتلەرنى ئەيدىزگە قارشى يېڭى بىر پروگرامما ئىجاد قىلىش ئەمەس، بەلكى ھازىرقى مەۋجۇت پروگراممىلارنى ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يېتىشكە يېتەكلەش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ناتا دۇۋۇرى يەنە، مەتبۇئاتنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتىكى رولىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار مەتبۇئات، ئېلان سەنئەت، بولۇپمۇ تېلېۋىزىيىدە تارقىتىلسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە. لېكىن سالامەتلىككە ماس تېخنولوگىيە پروگراممىسى تەشكىلاتىدىكى ئېلسبېرگنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەزىدە كىشىلەر ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسە ئاسانلا ۋاز كېچىدۇ. ئۇ،"دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىدە ئاياللارنى خورلاشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە ناھايىتى مۇستەھكەم ھادىسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. لېكىن مەن شۇنى سۆزلىمەكچى، ئۆتكەن يىللاردا مەن بەزى زور كۆلەملىك ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ پىكىرى بىلەن باشلانغانلىقىنى بايقىدىم" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)