خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1995 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قېتىملىق ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن ھازىرغا قەدەر بولغان قىسقىغىنا 12 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە تىزىملىكتىكى سانى 20 مىڭ 890 گە يەتكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، 2004 - يىلى 5 - ئايدىن بۇيان ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مۆلچەردىكى سانىنى 60 مىڭ دەپ ئېلان قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكىدا تىببى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمىگەن ۋە ياكى ھۆكۈمەت تىزىملىكىگە كىرمىگەنلەرنىڭ سانى، يۇقىرىقى تىزىملىكتىكى ساندىن 5. 6 ھەسسە يۇقىرى بولۇشى يەنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئەمەلىي سانى 100 مىڭدىن ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
يېقىندا بىز ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قورغاس ناھىيىسى سۈيدۇڭ بازىرى دولقۇن مەھەللىسىدىلا بىر يىل ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن 16 ئۇيغۇر ياشنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. دولقۇن مەھەللىسىدىكى 41 ياشلىق ۋەلىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ۋەلى ياخشى داۋالىنىشقا ئېرىشەلمەي 9 ئايدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. بىز ئۇنىڭ ئاچىسى ۋە بۇرۇنقى ئايالى بىلەن ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبەتتىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز پونكىتىدىن ۋەلىگە 9 ئاي ئىچىدە پەقەت بىرلا قېتىم دورا تارقىتىپ بەرگەنلىكى ۋە 50 يۈەنلىك ياردەم پۇلى ئالغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر يىلى ئۇيغۇر ئىلىغا مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي ياردەمدىن سىرت، ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلارنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. ئەمما كىشىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا تولۇق يەتكۈزۈلۈشىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە تەتقىقاتچى دوختۇر مەمتىمىن بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇر ئېلىدە" ئەيدىز " ساراسىمى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (4)
- ئەيدىز ئۇيغۇر خەلقىگە چاڭگال سالماقتا
- خىتاي راك كېسەللىرىنى سۇيىئىستېمال قىلماقتا
- خىتايدىكى جەنۇبىي كورىيە دىپلوماتىنىڭ ئۆلۈمى دۆلىتىدە مۇنازىرە قوزغىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ يامرىشىنى كونترول قىلىشتا كېچىكىپ بېسىلغان بىر قەدەم
- ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب نەدە؟
- دۇنيا بانكىسىنىڭ 'خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە تۆلىنىۋاتقان بەدەل' دېگەن دوكلاتى ھەققىدە ئىنكاسلار
- خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى مۇھىتنى بۇلغىسا خەلق بەدەل تۆلەمدىكەن؟
- "ئەيدىز ئاشخانىلاردا "دىن ساراسىمگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
- زەھەر تاشلىغۇچى: "ئىرادىلىك بولسىڭىز زەھەرلىك چېكىملىكنى چوقۇم تاشلىيالايسىز..."