ئەيدىز بىمارلىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە زور كەمستىشلەرگە دۇچ كەلمەكتە


2007.05.17

يېقىندا خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا، HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار زور دەرىجىدە كەمستىشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارە بىلدۈرىدىغان بولغان. بۇ خىل كەمسىتىش ئەھۋالى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا.

HIV ۋىرۇسى بارلار ۋە ئۇلارنىڭ كەمسىتىلىش دەرىجىسى

يېقىندا، خىتاي سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خىتايدىكى 10 چوڭ شەھەردەHIV مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىللە ئىشلەشنى خالىمايدىغانلار % 52، HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئىشقا ئېلىشنى خالىمايدىغانلار% 55 نى ئىگىلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا، 1985 ‏- يىلى تۇنجى قېتىم ئەيدىز كېسىلى بايقىلىپ، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاي نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان كىشىلەر ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋە شۇنداقلا HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كەلگەن.

ئۇلار ئوچۇقتىن ‏-ئوچۇق ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ئىشلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتايدىكى بۇ خىل ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ بەك كېچىكىپ باشلانغانلىقىدىن يەنى ئەيدىز ھەققىدىكى ئۇقۇم ۋە ئالدىنى ئېلىش چارە ‏-تەدبىرلىرىنىڭ كېچىككەنلىكىدىن ۋە يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، "خىتاي تەشۋىقاتتا كېچىكتى" دەيدۇ

بۇ ھەقتە ئامېرىكا مەرىلەند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا پروفېسسورى، ئامېرىكا ‏- خىتاي ئەيدىز بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جاۋ يۈچى " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە ئوچۇق ‏- ئاشكارە تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقىغا تېخى ئۇزۇن ۋاقىت بولمىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار 2001 ‏- ۋە 2002 ‏- يىلىدىن باشلاپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. تا-ھازىرغىچە، تەشۋىقات قىلىش دائىرىسىمۇ يېتەرلىك كەڭ بولمىغان. شۇڭا ھازىر خىتايدا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، ئەيدىز كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسى خاتا بولۇپ، "ئەيدىز " دېگەن گەپنى ئاڭلىغان زامان، قورقۇپ، چىرايىدا قان قالمايدۇ. بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش " دەپ بىلدۈردى.

پروفېسسور جاۋ يۈچى خانىم سۆزىدە يەنە مۇنداق بىر مىسالنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھازىر خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە قان سېتىش ھەرىكىتى پۈتۈنلەي مەنئى قىلىنغان. كۆپ ساندىكى دېھقانلار يېزا -ئىگىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. لېكىن ئۇلارنىڭ بازارلارغا ئاپىرىپ ساتماقچى بولغان قۇغۇن - تاۋۇز ۋە سەي كۆكتاتلىرىنى ھېچكىم ئالمايدىكەن. چۈنكى كىشىلەر بۇ دېھقانلاردىن ئۆزىگە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن بەكمۇ قورقۇدىكەن.

بىمارلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەمسىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەتلەر

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر زىيالىي ئايال ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئوچۇق ‏-ئاشكارە كەمسىتىدىغان ئەھۋالنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بىر قىسىم HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كىشىلەرنىڭ كەمسىتىش قىلمىشلىرىغا چىدىيالماي، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ زىيالىي ئايال كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى بىر تۈرلۈك پاسكىنا جىنسى كېسەل دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەيدىز كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ خاتا ۋە ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان نىۋ يورۇكتىكى مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تۈرلۈك كەمستىشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.