مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كەمسىتىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە، ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە يۇقۇملۇق جىگەر كېسىلى ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پەقەت كىشىلەر ئارىسىدىلا ئەمەس،ئىشقا ئېلىش ئورۇنلىرى تەرىپىدىنمۇ زور كەمسىتىشلەرگە دۇچ كەلمەكتە.ئۇنداقتا، بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، قانداق قىلىش كېرەك؟

خىتاي سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ھازىر خىتايدا HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ زور دەرىجىدە كەمسىتىشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر دوكلاتتا % 52 كىشىلەرنىڭ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىللە ئىشلەشنى خالىمايدىغانلىقى ۋە % 55 ئىش ئورۇنلىرىنىڭ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئىشقا ئېلىشنى لايىق كۆرمەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ، HIV ۋە ب تىپلىك جىگەر كېسىلى ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كىشىلەر تەرىپىدىن ۋە شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن زور كەمسىتىشلەرگە دۇچ كەلمەكتە.بىر قىسىم كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋالنىڭ شەكىللىنىشىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى بىر خىل نورمال ئەھۋال دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ئەگەر خىتايدا، بۇ ھەقتىكى قوغداش خاراكتېرلىك قانۇن تۈزۈملەر يېتەرلىك بولغان بولسا، ئەھۋال بۇ قەدەر ئېغىر بولماس ئىدى " دەپ كۆرسەتمەكتە. رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي ئەپەندى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ ئۆتتى.

ۋەن يەنخەي ئەپەندى، "ئەلۋەتتە، ھازىر خىتاي جەمىيىتىدە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەيدىز ۋە ب تىپلىك جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە بولغان چۈشەنچىسى ناھايىتى كەمچىل، شۇڭا ئۇلار بۇ خىل كېسەللىكلەرنى ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كېسەللىكلەرگە بولغان پوزىتسىيىسى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ كەمسىتىش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى قوغداش خاراكتېرلىك قانۇنلىرىنىڭ يوق دىيەرلىك بولىۋاتقانلىقىدىن."

" شۇڭا ھازىر كەمسىتىش مەسىلىسىگە ئائىت دىلولار يۈز بەرگىنىدە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان. بۇنىڭدىن باشقا ك ھازىر خىتاي جەمئىيىتىدىكى نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە، كەمسىتىش خاراكتېرلىق بەلگىلىمىلەر بېكىتىلگەن. بولۇپمۇ ب تىپلىك جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، بۇ خىل بەلگىلىمىلەر تۈپەيلىدىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىماقتا. ئەيدىز مەسىلىسىگە كەلسەك، نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە قورقۇش پىسخىكى بار. "

"جەمئىيەتتە تېخى ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ بار- يوقلۇغىنى ئېنىقلاش ھەققىدە مۇقىم تەكشۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلمىغان. ب تىپلىك جىگەر ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىنلا، بايقىغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار مەيلى ئوقۇشقا بېرىشتا بولسۇن ياكى خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا بولسۇن، ئوچۇق ئاشكارە باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلمەكتە،" دېدى.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ئەيدىز ۋە ب تىپلىك جىگەر ياللۇغى كېسىلىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇ دەرىجىدە قورقۇنۇشلۇق ئەمەس ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر كېسەللىكنىڭ پەقەتلا جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە قان ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە، ھەرگىزمۇ ئۆز ئارا يۇقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

" كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن بۇ قەدەر ئۈركىشى، ئۇلارنىڭ مەزكۇر كېسەلگە بولغان خاتا چۈشەنچىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئەيدىز ۋە ب تىپلىك جىگەر ياللۇغى كېسەللىكىگە بولغان ئۇقۇمى يوق دىيەرلىك. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا، ئەگەر ئەيدىز بىمارلىرى ياكى ب تىپلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار بىلەن بىللە ياشىسا، ئۆزىگە شۇ تىپتىكى كېسەللىكلەر يۇقۇپ قالىدۇ - دەپ قارايدۇ."

" ئەمەلىيەتتە، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. بۇ خىل كېسەللىكلەر پەقەت ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا باشقىلارغا يۇقىدۇ، يەنى پەقەت جىنسى مۇناسىۋەت ياكى قان ئارقىلىقلا يۇقىدۇ. شۇڭا ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەتتە، ھەمدە دوختۇرخانا ياكى چىش بۆلۈملىرىدە ئوكۇل قويۇشتا، بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىنسا، بۇ خىل كىسەللىكلەردىن ئۆزىنى قوغداپ قىلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن. كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، ھەرگىزمۇ ئۆز ئارا يۇقمايدۇ"

مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىدىن بۇ قەدەر ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغانلىقىنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ - دەپ تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز -قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي ئەپەندى " ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، پەقەت كىشىلەرگە بۇ ھەقتە يېتەرلىك تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنى بۇ ھەقتىكى ئۇقۇملاردىن خەۋەردار قىلدۇرۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ھۆكۈمەت ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر ياشاش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر بىمارلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يېتەرلىك غەمخورلۇققا ئېرىشەلىسە، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان باشقىچە كۆز -قاراشلىرىمۇ بىر قەدەر ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

يۇقىرىدا، قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋە ب تىپلىك جىگەر كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار دۇچ كېلىۋاتقان كەمسىتىش مەسىلىسىنىھەل قىلغىلى بولىدۇ - دېگەن مەزمۇندا ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي بىلەن مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتۇق. (مېھرىبان)