داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى گاۋ ياۋجيې رادىئومىزغا كېلىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى


2007.03.19

gao_mz-200.jpg
گاۋ ياۋجيې خانىم (سولدا) ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا

خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يېشى 80 دىن ئاشقان خىتاينىڭ داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى دوختۇر گاۋ ياۋ جيې خانىم يېقىندا ئامېرىكىغا كېلىپ ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمى كۈنىنىڭ ئەتىسى يەنى 15 ‏- مارت كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزغا كېلىپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىنكى تەقدىرىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جاسارەتلىك ئەيدىز پائالىيەتچىسى

گاۋ ياۋجيې خانىم بۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرىگە ئىنتايىن تەستە ئېرىشكەن. دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپات ئېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلماي ئۇنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆيدىن سىرتقا چىقىشىغىمۇ يول قويمىغان، كېيىن خەلقئارا بېسىمنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، ئىلاجىسىز قالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخىرى ماقۇل بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپات ئېلىشىغا ماقۇل بولغان. گاۋ ياۋجيې خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئۇ بۇندىن ئىلگىرى جەمى 6 قېتىم خەلقئارالىق مۇكاپات ئېلىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قېتىم ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ، ئۆنىڭ ئۆزىنى ئەۋەتمەي، ئۇنىڭغا مەنسۇپ مۇكاپاتنى باشقىلار ئارقىلىق ئەكەلدۇرگەن.

گاۋ ياۋجيې خانىم 1996 ‏- يىلىدىن باشلاپلا خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئۇ پېنسىيىگە چىقىشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى خىتاي تىببى دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار كىسەللىكى بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. ئۇ خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسى بولۇپمۇ ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز يىتىملىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۆلكىلەرگە بېرىپ، نۇرغۇن تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۆز چىقىمى بىلەن "خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلى"، "مىڭ پارچە خەت"، "مەن كۆرگەن ئەيدىز بىمارلىرى" قاتارلىق نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان ۋە نەشر قىلغان. 2002 ‏- يىلى، ئۇ خېنەن ئۆلكىسىدىكى قان سېتىش ۋە قان ئېلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەيدىز ئاپىتىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقانداق پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنىپ كەلمەكتە.

رادىئومىزغا كېلىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گاۋ ياۋجيې خانىم ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم 2007 ‏- يىللىق خەلقئارا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك تەسىراتىنى سۆزلەپ كېلىپ، كۆڭلى ئىنتايىن بۇزۇلغان ھالدا مۇنداق دېدى:

"مېنىڭ بۇ قېتىم خەلقئارا سەھنىدە مۇكاپات ئالغان چېغىمدىكى ھېسسىياتىم ۋە روھى ھالىتىم باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. مەن نۇرغۇن مەسىلىلەردىن غەم قىلماقتىمەن. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بولغان بېسىم ناھايىتى ئېغىر. لېكىن بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىپ بولدى قىلاي دېسەممۇ، مېنى قۇتقۇزۇش ئىلاھى ئورنىدا كۆرۈپ ئىزدەيدىغان ئەيدىز بىمارلىرىنى كۆرگىنىمدە، ھەممىنى ئۇنتۇيمەن. بۇنداق چاغلاردا قانداق قىلىشىمنى بىلمەي بەكمۇ ئازاپلىنىمەن. مەن ھازىر 80 دىن ئاشتىم، خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەممىلا ئۆلكىدە دېگىدەك زور ئاپەتكە ئايلانماقتا. تا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئەيدىز ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر ئۇقۇمغا ئىگە بولالماي كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بولسا، قۇرۇق سانلىق مەلۇماتلارنى بەرگەندىن باشقا، بۇ ھەقتىكى ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ۋە تەشۋىقات قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئەكسىچە ھازىر خىتايدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئەيدىز بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇشنى باھانە قىلىپ، پۇل تېپىشنىڭلا كويىدا بولۇپ كەتتى. ئىشقىلىپ خىتايدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بەكمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، خىتايدىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى چەتئەللىكلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بولۇپمۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئەخلاق دېگەن نەرسە قالمىدى دېسەكمۇ بولىدۇ. ھەممە ئادەم ‘پۇل – پۇل’ دەپ، پۇل ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا رازى. كىمنىڭ پۇلى بولسا، شۇ نوچى بولۇپ، مىللەتنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەكمۇ تەس بولۇپ قالدى" .

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىزنى يوقىتىشقا ئەمەلىي تەدبىر قوللانغىنى يوق

گاۋ ياۋجيې خانىم سۆھبەت جەريانىدا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 31 ئۆلكە، شەھەر ۋە رايونلاردا، ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋە سەبداشلىرىنىڭ ھەممىلا ئۆلكىگە دېگىدەك بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئاپىتىنىڭ خىتايدىكى ھەرقانداق ئۆلكىدىكىدىن تېخىمۇ بەكرەك ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرىمىز نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گاۋ ياۋجيې خانىم ھازىر خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئاپىتىنىڭ يىلدىن ‏- يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرۋاقىتتا، "بىزدە ھازىر ئەيدىز كېسىلى پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى زەھەرلىك چېكىملىك تۆپەيلىدىنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا قان سېتىش ۋە قان ئېلىش قاتارلىق يوللار بىلەن تارقالماقتا. بۇلۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋال ھازىر ئاياللار ئارىسىدا تېخىمۇ بەك ئېغىر بولۇپ، دوختۇرخانىدا بالا تۇغۇش جەريانىدا، تۇغۇتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۈزۈك سېلىش ياكى ئوپىراتىسيە قىلىش جەريانىدا قان ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغانلار سانى ناھايىتى كۆپ بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن، ئانىدىن بالىغا يۇقۇدىغان ئەھۋالمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپىيىشكە باشلىدى . ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز 'دەپ قۇرۇق تەشۋىقات قىلغىنى بىلەن، يەر ئاستى قان پونكىتلىرىنى يوقىتىشتا، ھېچقانداق جىددىي چارە تەدبىرلەرنى قوللانغىنى يوق. قان ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغانلار پەقەت خېنەن ئۆلكىسىدىلا ئەمەس، باشقا ئۆلكىلەردىمۇ نۇرغۇن، ھەتتا خىنەندىكىدىنمۇ ئېغىر" دەپ بىلدۈردى.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گاۋ ياۋجيې خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە خەلقئارانىڭ ئەيدىز مەسىلىسىدە خىتايغا داۋاملىق ئىزچىل ھالدا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ قان سېتىش ۋە قان ئېلىش مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قانۇنسىز ئېچىلىۋاتقان قان پونكىتلىرىنى تېزدىن تاقىۋىتىشكە ئۈندىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.