ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىس ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەيدىغان لايىھە سۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىسنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان لايىھىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 61 -قېتىملىق جەنۋە يىغىنىدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە خاتىمە بېرىشى چاقىرىلغان قارار لايىھىسىنى تونۇشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇنىڭدا يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشچىلىكىنىڭ مەۋجۇتلىقى شۇنداقلا بۇنىڭ يەنە داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئومۇمىيۈزلۈك چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

خىتاي تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشلەتتى

كرىس سمىس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان بۇ لايىھىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى، تىنچ يول بىلەن ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ۋە مۇستەقىل دىنىي رەھبەرلەرنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى يازغان.

مەزكۇر لايىھىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي دەرس بېرىشلەرنى چەكلەۋاتقانلىقى ھەتتا قورامىغا توشمىغانلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ۋە دىنىي دەرس ئېلىشىمۇ مەنئى قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن سىرت، تىبەت، فالۇنگوڭ مەسىلىلىرى ۋە تيەنئەنمېن ۋەقەسى قاتارلىقلار مەزمۇنلارمۇ كىرگۈزۈلگەن.

كرىس سمىس سۇنغان بۇ لايىھە 3 -ئاينىڭ 14 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ لايىھىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى توم لەنتۇس ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋولف فرەنك قاتارلىق 30 غا يېقىن دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى قوللىغان.

ئامېرىكا ب د ت غا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان لايىھە سۇنۇشنى تېخى قارارلىمىدى

بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلىگەن ئىدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك كومىتېتىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدار گرېچېن بىركلې (Gretchen Birle) ئامېرىكىنىڭ ب د ت يىغىنىدا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسىنى سۇنامدۇ-يوق بۇ ھەقتە ھازىرغىچە تېخى ئېنىق بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

"ھازىرچە تېخى يەنە ۋاقىت بار ھەمدە بۇ ھەقتە داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بىز جەنۋەدە بۇ قارارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ياكى قويۇلماسلىقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىۋاتىمىز".

ئامېرىكا خەلقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ

بىركلې خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قانچىلىك ھەمكارلىشىشىنىڭ بۇ قارارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

"ئامېرىكا خەلقى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان قارىشى ناھايىتى كۈچلۈك. شۇنداقلا بىز ئۇلاردىن نۇرغۇن ئىنكاسلارغا ئېرىشتۇق. بۇ، بىزنىڭ مەزكۈر قارارنى چىقىرىشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ".

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى نەچچە قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسىنى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ماقۇللانماي كەلگەن ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق 61 - نۆۋەتلىك يىغىنىنى جەنۋەدە 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلىنىپ 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگىچە 6 ھەپتە داۋاملاشماقچى. (پەرىدە)